جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  قانۇن تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-20 11:05:59

    1984- يىل 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1992 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 27 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1 - قېتىم تۈزىتىلدى، 2000 - يىل 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 17 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاتېنت قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2 - قېتىم تۈزىتىلدى)

    1 - بابئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددا بۇ قانۇن كەشپىيات - ئىجادىيەت پاتېنت ھوقۇقىنى قوغداش، كەشپىيات - ئىجادىيەتكە ئىلھام بېرىش، كەشپىيات - ئىجادىيەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشقا پايدا يەتكۈزۈش، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنى ۋە بۇ جەھەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كەشپىيات، ئىجادىيەت كەشپىياتىنى، ئەمەلىي يېڭى تىپنى ۋە تاشقى كۆرۈنۈش لايىھىسىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ پاتېنت مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ؛ پاتېنت ئىلتىماسىنى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، قانۇن بويىچە پاتېنت ھوقۇقى بېرىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پاتېنت خىزمىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ پاتېنت باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    4 - ماددا پاتېنت ئىلتىماس قىلىنغان كەشپىيات، ئىجادىيەت دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ياكى زور مەنپەئىتىگە چېتىلىپ، مەخپىيىتىنى ساقلاشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

    5 - ماددا دۆلەت قانۇنىغا، ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ كېلىدىغان ياكى جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان كەشپىيات - ئىجادىيەتكە پاتېنت ھوقۇقى بېرىلمەيدۇ.

    6 - ماددا ئۆز ئورنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋېتىپ ياكى ئاساسلىقى ئۆز ئورنىنىڭ ماددىي، تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئورۇندىغان كەشپىيات، ئىجادىيەت خىزمەتتىكى كەشپىيات، ئىجادىيەت ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتتىكى كەشپىيات، ئىجادىيەتكە پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى شۇ ئورۇنغا مەنسۇپ بولىدۇ؛ ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن، شۇ ئورۇن پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى بولىدۇ.

    خىزمەت سىرتىدىكى كەشپىيات، ئىجادىيەتكە پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى كەشپىياتچىغا ياكى لايىھىلىگۈچىگە مەنسۇپ بولىدۇ؛ ئىلتىماس تەستىقلانغاندىن كېيىن، شۇ كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچى پاتېنت ھوقۇقى ئىگىسى بولىدۇ.

    ئۆز ئورنىنىڭ ماددىي، تېخنىكا شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئورۇندالغان كەشپىيات، شۇ ئىدارە كەشپىياتچى ياكى لايىھىگۈچى بىلەن توختاملىشىپ، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى ۋە پاتېنت ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى پۈتۈشكەن بولسا، شۇ پۈتۈم بويىچە بولىدۇ.

    7 - ماددا كەشپىياتچى ياكى لايىھىلىگۈچىنىڭ خىزمەت سىرتىدىكى كەشپىياتى ۋە ئىجادىيىتى ئۈچۈن پاتېنت ئىلتىماسىنى ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ بېسىپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.