جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1989- يىل 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي

    كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1989 - يىل 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جۇڭخۇا

    خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 22 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى

    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددا بۇ قانۇن تۇرمۇش مۇھىتىنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، بۇلغىنىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈرلۈك ناتۇرال ئامىل ۋە كىشىلەر ئۆزگەرتكەن تەبىئىي ئامىللار يىغىندىسىنى، جۈملىدىن ئاتموسفېرا، سۇ، دېڭىز - ئوكيان، تۇپراق، مەدەن، ئورمان، ئوتلاق، ياۋا جانلىق، تەبىئىي ئىزنا، ئانتروپولوگىيىلىك ئىزنا، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، مەشھۇر مەنزىرە رايونى، شەھەر ۋە يېزا - كەنت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

    3- ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق باشقا دېڭىز تەۋەسىدە تەتبىقلىنىدۇ.

    4 - ماددا دۆلەت تۈزگەن مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈش شەرت، دۆلەت ئىقتىساد ۋە تېخنىكا جەھەتتە مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ.

    5- ماددا دۆلەت مۇھىت ئاسراشقا دائىر پەن - مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە تەرەققىياتنى كۈچەيتىدۇ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر پەن - تېخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ، مۇھىت ئاسراشقا دائىر پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

    6- ماددا ھەممە ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى ھەمدە مۇھىتنى بۇلغىغان ۋە مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى پاش قىلىش ۋە ئەرز قىلىش ھوقۇقى بار.