جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىناكارلىق قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1997 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1997 - يىل 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 91 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن بىناكارلىق پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىناكارلىق بازىرىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بىناكارلىق ئىشلىرىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە بىناكارلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، بىناكارلىق پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بىناكارلىق پائالىيىتى تۈرلۈك ئۆي - ئىمارەتلەر ھەم ئۇنىڭ قوشۇمچە مۇئەسسەسەلىرىنى سېلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىغان سىم يولى، تۇرۇبا يولى، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - ماددابىناكارلىق پائالىيىتىدە بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم.

    4 - ماددا [دۆلەت بىناكارلىق تەرەققىياتىغا يۆلەك بولىدۇ، بىناكارلىق پەن - تېخنىكا تەتقىقاتىنى قوللايدۇ، ئۆي - ئىمارەت سېلىش - لايىھىلەش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ، ئېنېرگىيە تېجەش ۋە مۇھىت ئاسراشقا ئىلھام بېرىدۇ، ئىلغار تېخنىكا، ئىلغار ئۈسكۈنە، ئىلغار ھۈنەر - سەنئەت، يېڭىچە بىناكارلىق ماتېرىيالىنى ئىشلىتىش ۋە زامانىۋى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

    5 - ماددا [بىناكارلىق پائالىيىتىدە قانۇن، نىزاملارغا ئەمەل قىلىش كېرەك، جامائەت مەنپەئىتى ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ.

    ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بىناكارلىق پائالىيىتىگە دەخلى يەتكۈزۈشىگە ۋە توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    6 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ بىناكارلىق پائالىيىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.