جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1984- يىل 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2001 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نوۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 - يىغىنىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دورا سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، كىشىلەرنىڭ دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلقنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە دورا ئىشلىتىش قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە دورا تەتقىق قىلىپ ياسىغۇچى، ئىشلىگۈچى، تىجارەت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى ئورۇن ياكى شەخسلەر بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىشى شەرت.

    3 - ماددادۆلەت زامانىۋى دورا ۋە ئەنئەنىۋى دورىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ساقلىق ساقلاشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

    دۆلەت ياۋا دورا ماتېرىياللىرى بايلىقىنى قوغدايدۇ، جۇڭگوچە دورا ماتېرىياللىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ.

    4 - ماددادۆلەت يېڭى دورا تەتقىق قىلىش ۋە ياساشقا ئىلھام بېرىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ يېڭى دورا تەتقىق قىلىش، يارىتىش قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

    5 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دورىغا ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى دورىغا ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى بىلەن ماسلىشىپ دۆلەت تۈزگەن دورا ساھەسىنىڭ تەرەققىيات پىلانى ۋە كەسىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ.

    6 - ماددادورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەسىس قىلغان ياكى بېكىتكەن دورا تەكشۈرۈش ئاپپاراتى دورا تەستىقلاش ۋە دورا سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك دورا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.