سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    42 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغۇچى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 178- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

    43 - مادداكارانتىن ئىسپاتى، تامغىسى، بەلگىسى، پەتلىرىنى ئويدۇرغۇچى، ئۆزگەرتكۈچى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 167 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

    44 - ماددادەۋاگەر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە جازا قارارىنى چىقارغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئورگانغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ دەۋاگەر جازا ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە ئەرز قىلسىمۇ بولىدۇ.

    قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقىرىشى كېرەك. دەۋاگەر قايتا قاراپ چىقىش قارارىغا قايىل بولمىسا، قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چىققۇچى ئورگان سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچە قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى چىقارمىسا، دەۋاگەر قايتا قاراپ چىقىش سۈرۈكى توشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ.

    دەۋاگەر سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچە قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلمىسا، شۇنداقلا جازا قارارىنى ئىجرا قىلمىسا، جازا قارارىنى چىقارغۇچى ئورگان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    45 - مادداھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ كارانتىن خادىملىرى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، شەخسىي مەنپەئىتىگە بېرىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىپ، كارانتىن نەتىجىسىنى يالغان چىقارغان ياكى خىزمەتكە ئېتىبارسىز قاراپ كارانتىن ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈۋەتكەن بولسا، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرۈلمىگەنلىرىگە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

    8 - بابقوشۇمچە پرىنسىپ

    46 - ماددابۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:

    (1) «ھايۋانات» قولدا بېقىلىدىغان، قولدا بېقىلمايدىغان جانىۋارلارنى، مەسىلەن: چارۋا، قۇش، ياۋايى ھايۋان، يىلان، تاشپاقا، بېلىق، راك، قىسقۇچ پاقا، قۇلۇلە، پىلە، ھەرە قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛

    (2) «ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى» ھايۋاناتلاردىن چىقىدىغان، پىششىقلانمىغان ياكى پىششىقلانغان بولسىمۇ، يەنىلا تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەل بولۇش ئېھتىمالى بولغان مەھسۇلاتلارنى مەسىلەن: تېرە، يۇڭ، گۆش، ئىچكى ئەزالار، ياغ، سۇ ھايۋانلىرى مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، تۇخۇم، قان، سپىرما، تۆرەلمە، سۆڭەك، تۇۋاق، مۈڭگۈز قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941