سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    36 - مادداچېگرىدىن ئۆتىدىغان ترانسپورت قوراللىرىدىكى يۇندا، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەر چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، كۆرگەنلا يەرگە تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

    37 - ماددائېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ترانسپورت قوراللىرى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر كارانتىنى ھەم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە لايىق بولۇشى كېرەك.

    38 - مادداچېگرا ئېغىزىغا كىرگۈزۈپ چۇۋۇپ تاشلىنىدىغان كېرەكسىز كونا پاراخوت - كېمىلەرنى چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى كارانتىن قىلىدۇ، بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئىسىملىككە كىرگۈزۈلگەن كېسەللىك ۋە ھاشاراتنىڭ بارلىقى سېزىلسە، زىيانداشنى تۈگىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

    7 – باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

    39 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغۇچىغا چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

    (1) كارانتىن قىلىشقا مەلۇم قىلماسلىق ياكى كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە ئۆتىمەسلىك؛

    (2) چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ياكى باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى چېگرا ئېغىزى ھايۋانات ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ رۇخسىتىسىزلا ئۆز مەيلىچە ترانسپورت قورالىدىن چۈشۈرۈۋېتىش ياكى ماڭدۇرۇۋېتىش؛

    (3) چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئايرىپ تۇرۇش ئورنىدا ئايرىپ تۇرۇپ كارانتىن قىلىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆز مەيلىچە يۆتكىۋېتىش ياكى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش.

    40 - مادداكارانتىن قىلىشقا مەلۇم قىلغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ياكى كارانتىن ئوبيېكتىلىرى ئەمەلىي سانغا توغرا كەلمىسە، چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ كارانتىن ئىسپاتى ئېلىپ بولغان بولسا، كارانتىن ئىسپاتى كۈچتىن قالدۇرۇلىدۇ.

    41 - ماددابۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ياكى باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنىڭ تېڭىقىنى ئۆز مەيلىچە يەشكۈچىگە، چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ياكى باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى ترانسپورت قوراللىرىدىن ئۆز مەيلىچە چۈشۈرۈۋەتكۈچىگە، چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھايۋاناتلارنىڭ ئۆلۈكى، ئاجراتمىلىرى، سېلىنچا ماتېرىياللار ياكى باشقا كېرەكسىز نەرسىلەرنى خالىغان يەرگە تاشلىۋەتكۈچىگە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941