سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    30 - ماددابۇ قانۇننىڭ 29 - ماددىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئىسىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى يولۇچىلار ئېلىپ ماڭغان بولسا، چېگرا ئېغىزىغا كىرگەندە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھەمدە چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ كارانتىن قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    ھايۋانات ئېلىپ كىرمەكچى بولغۇچىلار چىقارغۇچى دۆلەت ياكى رايوننىڭ كارانتىن گۇۋاھنامىسى قاتارلىق ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشى لازىم.

    31 - ماددابۇ قانۇننىڭ 29 - ماددىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئىسىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرى پوچتا ئارقىلىق يوللانغان بولسا، چېگرا ئېغىزىغا كىرگەندە چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىدارىسىدا كارانتىن قىلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىغا ئېلىپ كېلىپ كارانتىن قىلىدۇ؛ كارانتىندىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ماڭدۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

    32 - مادداپوچتا يوللانمىسى قىلىپ چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرى كارانتىن ئارقىلىق ياكى زىيانداشنى تۈگىتىش ئارقىلىق ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدۇ؛ كارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىق كەلمىسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيانداشنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تېپىلمىسا قايتۇرۇۋېتىلىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ ھەمدە «كارانتىن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى» بېرىلىدۇ.

    33 - مادداچېگرىدىن يولۇچىلار ئېلىپ چىقىرىلىدىغان، پوچتا يوللانمىسى قىلىپ چىقىرىلىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى، مال ئىگىسىنىڭ كارانتىن قىلىپ بېرىش تەلىپى بولسا، چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى كارانتىن قىلىپ بېرىدۇ.

    6 – باب ترانسپورت قوراللىرى كارانتىنى

    34 - مادداھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى كۆرۈلگەن رايوندىن كەلگەن پاراخوت - كېمە، ئايروپىلان، پويىزلار چېگرا ئېغىزىغا كەلگەندە، چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى كارانتىن قىلىدۇ، بۇ قانۇننىڭ 18- ماددىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئىسىملىككە كىرگۈزۈلگەن كېسەللىك ۋە ھاشارات بارلىقى سېزىلسە، قاتناش قورالىنى تۇتۇپ قېلىش، زىيانداشنى تۈگىتىش، پېچەتلەش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

    35 - مادداچېگرىدىن كىرىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن دېزىنفېكسىيە قىلىدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941