سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    4 – باب چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش كارانتىنى

    23 - مادداھايۋاناتلارنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغۇچى ئالدىنئالا جۇڭگو دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەم كۆرسىتىپ بېرىلگەن چېگرا ئېغىزى ۋە يول بىلەن چېگرىدىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

    چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھايۋاناتلار قاچىلانغان ترانسپورت قوراللىرى، قاچىلاش - ئوراش سايمانلىرى، يەم - بوغۇز ۋە سېلىنچا ماتېرىياللار جۇڭگونىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە لايىق بولۇشى كېرەك.

    24 - مادداھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش توغرا كەلگەندە، توشۇتقۇچى ياكى ئېلىپ ماڭغۇچى چېگرا ئېغىزىغا يۈك تالونى ۋە چىقارغۇچى دۆلەت ياكى رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى بەرگەن كارانتىن گۇۋاھنامىسى بىلەن بىللە چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىغا مەلۇم قىلىپ كارانتىن قىلدۇرغان بولسا چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتىدىغان چاغدا قايتا كارانتىن قىلىنمايدۇ.

    25 - مادداچېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھايۋاناتلاردىن كارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىق كەلگەنلىرىنىڭ چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئىسىملىككە كىرگۈزۈلگەن ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، پارازىت قۇرت بارلىقى سېزىلسە، شۇ جايدىكى ھايۋاناتلار ھەممىسى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلمەيدۇ.

    چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھايۋاناتلارنىڭ يەم - بوغۇزى كېسەللىك پارازىت قۇرت بىلەن بۇلغانغان بولسا، زىيانداشنى تۈگىتىش، چېگرىدىن ئۆتكۈزمەسلىك ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

    چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ھايۋاناتلارنىڭ ئۆلۈكى، ئاجراتمىلىرى، سېلىنچا ماتېرىياللار ھەم باشقا كېرەكسىز نەرسىلەرنى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. خالىغان يەرگە تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

    26 - مادداچېگرىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى ترانسپورت قورالىدا تۇرغۇزۇپ ياكى ئوراقلىق قاچىلاقلىق پېتى تەكشۈرىدۇ. كارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىق كەلگەنلىرىنىڭ چېگرىدىن ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئىسىملىككە كىرگۈزۈلگەن كېسەللىك ھاشارات بارلىقى سېزىلگەنلىرى زىيانداشنى تۈگىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ياكى چېگرىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ.

    27 - مادداھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى چېگرىدىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىننىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ چۇۋۇشقا ياكى ترانسپورت قوراللىرىدىن چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ.

    5 – باب يولۇچىلار نەرسىلىرى، پوچتا يوللانمىلىرى كارانتىنى

    28 - ماددائۆسۈملۈك ئۇرۇقى، مايسىسى - كۆچىتى ۋە باشقا كۆپىيىدىغان ماتېرىياللارنى يولۇچىلار ئېلىپ ئۆتۈش، پوچتا يوللانمىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈش توغرا كەلسە، ئالدىنئالا ئىلتىماس سۇنۇپ، كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى ئۆتۈلۈشى كېرەك.

    29 - ماددايولۇچىلارنىڭ ئېلىپ ئۆتۈشى، پوچتا يوللانمىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈش مەنئى قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەيدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

    ئالدىنقى تارماق بويىچە بەلگىلەنگەن ئىسىملىككە كىرگۈزۈلگەن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرى ئېلىپ مېڭىلغان، پوچتا ئارقىلىق يوللانغان بولسا، چېگرىغا كەلگەندە قايتۇرۇۋېتىلىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941