سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    19 - ماددائىمپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىدىن كارانتىن ئارقىلىق بۇ قانۇننىڭ 18 - ماددىسى بويىچە بەلگىلەنگەن ئىسىملىكتىن تاشقىرى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىققا ئېغىر خەۋپ كەلتۈرىدىغان باشقا كېسەللىك ۋە ھاشارات بارلىقى سېزىلسە، چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن مال ئىگىسى ياكى ۋاكالەتچىسىگە زىيانداشنى تۈگىتىش، قايتۇرۇۋېتىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. زىيانداشنى تۈگىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆلچەمگە لايىق كەلگەنلەرنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

    3 – باب ئېكسپورت كارانتىنى

    20 - ماددامال ئىگىسى ياكى ۋاكالەتچىسى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتىن ئىلگىرى چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ كارانتىن قىلىشىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

    ئېكسپورت قىلىشتىن ئىلگىرى ئايرىپ كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىك ھايۋاناتلار چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى كۆرسەتكەن ئايرىپ قويۇش ئورنىدا كارانتىن قىلىنىدۇ.

    21 - ماددائېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى كارانتىن قىلىدۇ، كارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىق كەلگەنلىرى ياكى زىيانداشنى تۈگىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلچەمگە لايىق كەلگەنلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ تاموژنا چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى بەرگەن كارانتىن ئىسپاتى ياكى مەلۇم قىلىش جەدۋىلىگە بېسىپ بەرگەن تامغىغا قاراپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ. كارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە مۇۋاپىق كەلمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە زىيانداشنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى تېپىلمىغانلىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

    22 - مادداكارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىق كەلگەن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا مال ئىگىسى ياكى ۋاكالەتچىسى كارانتىن قىلىشقا قايتا مەلۇم قىلىشى كېرەك:

    (1) ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت ياكى رايون ئۆزگەرگەن، ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت ياكى رايوننىڭ يەنە باشقىچە كارانتىن تەلىپى بولسا؛

    (2)تېڭىق يەڭگۈشلەنگەن ياكى ئەسلى تېڭىقسىز بولۇپ كېيىن تېڭىلغان بولسا؛

    (3) كارانتىننىڭ بەلگىلەنگەن كۈچكە ئىگە ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا.

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941