سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    15 - ماددائىمپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىدىن كارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىق كەلگەنلىرىگە ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ؛ تاموژنا چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى بەرگەن كارانتىن ئىسپاتى ياكى مەلۇم قىلىش جەدۋىلىگە بېسىپ بەرگەن تامغىغا قاراپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ.

    ئىمپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىدىن تاموژنىنىڭ باشقۇرۇش رايونىنىڭ يۆتكەپ كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تاموژنا چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى بەرگەن «كارانتىن ئۇقتۇرۇشى» گە قاراپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدۇ.

    16 - ماددائىمپورت قىلىنىدىغان ھايۋاناتلاردىن كارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىق كەلمىگەنلىرىگە چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى «كارانتىن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى» يېزىپ، مال ئىگىسى ياكى ۋاكالەتچىسىگە تۆۋەندىكىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ:

    (1) 1 - خىلدىكى يۇقۇملۇق كېسەل، پارازىت قۇرت بارلىقى ئېنىقلانغان ھايۋانات ۋە شۇ ھايۋانات بىلەن بىر پادىدىكى ھايۋاناتلار پۈتۈنلەي قايتۇرۇلىدۇ ياكى ھەممىسى ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ ھەم ئۆلۈكى كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ؛

    (2) 2 - خىلدىكى يۇقۇملۇق كېسەل، پارازىت قۇرت بارلىقى ئېنىقلانغان ھايۋانات قايتۇرۇۋېتىلىدۇ ياكى ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ، شۇ ھايۋانات بىلەن بىر پادىدىكى ھايۋاناتلار ئايرىپ قويۇش ئورنىدا ياكى بەلگىلەنگەن جايدا ئايرىپ قويۇپ كۆزىتىلىدۇ.

    ئىمپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىدىن كارانتىن ئارقىلىق ئۆلچەمگە لايىق كەلمىگەنلىرىگە چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى «كارانتىن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى» يېزىپ، مال ئىگىسىگە ياكى ۋاكالەتچىسىگە زىيانداشنى تۈگىتىش، قايتۇرۇۋېتىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. زىيانداشنى تۈگىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلچەمگە لايىق كەلگەنلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

    17 - ماددائىمپورت قىلىنىدىغان ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ۋە باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىدىن كارانتىن ئارقىلىق خەۋپلىك ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى، ھاشاراتلار، ئوت - چۆپلەر بارلىقى سېزىلگەنلىرىگە چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى «كارانتىن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى» يېزىپ، مال ئىگىسىگە ياكى ۋاكالەتچىسىگە زىيانداشنى تۈگىتىش، قايتۇرۇۋېتىش ياكى كۆيدۈرۈۋېتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. زىيانداشنى تۈگىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۆلچەمگە لايىق كەلگەنلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

    18 - ماددابۇ قانۇننىڭ 16 - ماددىسىنىڭ 1 - تارمىقى )1(، )2( - تارماقچىلىرىدىكى 1 - خىلدىكى، 2 - خىلدىكى ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، پارازىت قۇرتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ۋە بۇ قانۇننىڭ 17 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن خەۋپلىك ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى، ھاشاراتلار، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئىسىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941