سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    8 - مادداچېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگانلىرى پورت، ئايرودروم، ۋوگزال، پوچتىخانىلاردا كارانتىن قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە تاموژنا، قاتناش، خەلق ئاۋىئاتسىيىسى، تۆمۈر يول، پوچتا - تېلېگراف قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىشى كېرەك.

    9 - مادداھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ كارانتىن قىلغۇچى خادىملىرى خىزمەتكە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى لازىم.

    ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگانلىرىنىڭ كارانتىن قىلغۇچى خادىملىرى قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىگەندە، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخس توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

    2 – باب ئىمپورت كارانتىنى

    10 - مادداھايۋانات، ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى، كۆچىتى - مايسىسى ۋە باشقا كۆپىيىدىغان ماتېرىياللارنى ئىمپورت قىلىشتا ئالدىنئالا ئىلتىماس سۇنۇپ، كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتىنى ئۆتەش لازىم.

    11 - مادداھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى سودا، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇش، ھەددىيە قىلىش، ياردەم قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن كىرگۈزۈشتە، توختام ياكى كېلىشىملەردە جۇڭگونىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن كارانتىن تەلىپى ئېنىق يېزىلغان بولۇشى ھەمدە سىرتقا چىقارغۇچى دۆلەت ياكى رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى بەرگەن كارانتىن گۇۋاھنامىسى بولۇشى لازىملىقى ئېنىق يېزىلغان بولۇشى شەرت.

    ُ12 - مادداھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرى چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى ياكى يېتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئىگىسى ياكى ۋاكالەتچىسى ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت ياكى رايوننىڭ كارانتىن گۇۋاھنامىسى ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت ياكى رايوننىڭ كارانتىن گۇۋاھنامىسى، سودا توختامى قاتارلىق ئىسپاتلارنى قوشۇپ چېگرا ئېغىزى ھايۋانات ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ كارانتىن قىلىشىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

    13 - مادداھايۋانات قاچىلانغان ترانسپورت قورالى چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ كەلگەندە، چېگرا ئېغىزى ھايۋانات ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى نەق مەيداندا ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ترانسپورت قورالىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستىنى ياكى ھايۋاناتلارغا يېقىنلاشقان ئادەملەر، ھايۋانات قاچىلانغان ترانسپورت قوراللىرى ۋە بۇلغانغان سورۇنلارنى كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن دېزىنفېكسىيە قىلىشى كېرەك.

    14 - ماددائىمپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرى چېگرا ئېغىزىدا كارانتىن قىلىنىشى كېرەك. چېگرا ئېغىزى ھايۋانات ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ترانسپورت قوراللىرىدىن چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ.

    ئىمپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىپ كارانتىن قىلىشقا تېگىشلىكلىرى چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى كۆرسەتكەن ئايرىپ كارانتىن قىلىش ئورنىدا كارانتىن قىلىنىدۇ.

    چېگرا ئېغىزىنىڭ شارائىتى چەكلىك بولۇشتەك سەۋەبلەر بولسا، دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى كۆرسىتىلگەن جايغا ئېلىپ بېرىپ كارانتىن قىلىشنى بەلگىلىسە بولىدۇ. توشۇش، قاچىلاش، چۈشۈرۈش جەريانىدا مالنىڭ ئىگىسى ياكى ۋاكالەتچىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. كۆرسىتىپ بېرىلگەن ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئايرىپ بېقىش ياكى ئايرىپ تېرىش ئورۇنلىرىنىڭ ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كارانتىنى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941