سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    5 - ماددادۆلەت تۆۋەندىكى نەرسىلەرنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلىدۇ:

    (1) ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنى قوزغاتقۇچى )مىكروب، زەھەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ(، زىيانداش ھاشارات ۋە باشقا زىيانلىق جانلىق مەۋجۇداتلار؛

    (2)ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى تارقالغان دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئالاقىدار ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرى؛

    (3) ھايۋانات ئۆلۈكى؛

    (4) توپا.

    چېگرا ئېغىزى ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كىرىشى مەنئى قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى سەزسە قايتۇرۇۋېتىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

    پەن تەتقىقات ئېھتىياجى قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىدا بەلگىلەنگەن كىرىشى مەنئى قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى كىرگۈزۈش توغرا كەلگەندە، ئالدىنئالا ئىلتىماس سۇنۇپ دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

    بۇ ماددىنىڭ 1 - تارمىقىنىڭ 2 - تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن كىرىشى مەنئى قىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئىسىملىكىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

    6 - مادداچەت ئەللەردە ئېغىر دەرىجىدە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى كۆرۈلگەندە ھەم جۇڭگوغا كىرىش ئېھتىمالى تۇغۇلغاندا، گوۋۇيۈەن جىددىي ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش لازىم. زۆرۈر تېپىلغاندا پەرمان چۈشۈرۈپ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى كۆرۈلگەن رايوندىن كەلگەن ترانسپورت قوراللىرىنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلسا ياكى ئالاقىدار چېگرا ئېغىزلىرىنى قامال قىلسا بولىدۇ؛ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان رايونلاردىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار چېگرا ئېغىزى ھايۋانات - ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگانلىرى دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

    پوچتا - تېلېگراف، ترانسپورت تارماقلىرى ئېغىر دەرىجىدىكى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرىگە دائىر مەلۇماتلار ۋە تەكشۈرۈشكە يوللانغان ماتېرىياللارنى ئاۋۋال يەتكۈزۈپ بېرىش لازىم.

    7 - ماددادۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى ۋە چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگانلىرى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلىنىش، ساقلىنىش جەريانلىرىغا قارىتا كارانتىن نازارىتى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941