سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    (3) «ئۆسۈملۈكلەر» تىكىپ ئۆستۈرۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر، ياۋا ئۆسۈملۈكلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى، كۆچىتى - مايسىسى، كۆپىيىدىغان باشقا ماتېرىياللار قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛

    (4) «ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى» ئۆسۈملۈكلەردىن چىقىدىغان، پىششىقلانمىغان ياكى پىششىقلانغان بولسىمۇ يەنىلا يۇقۇملۇق كېسەل، زىيانداش ھاشارات بولۇش ئېھتىمالى بولغان مەھسۇلاتلارنى، مەسىلەن: ئاشلىق، پۇرچاق، پاختا، ياغ، چىگە، تاماكا، ئۇرۇق، قۇرۇق مېۋە - چېۋە، كۆكتات، خام دورا ماتېرىياللىرى، ياغاچ، يەم - بوغۇز قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ؛

    (5)«باشقا كارانتىن ئوبيېكتىلىرى» ھايۋانات ۋاكسىناسى، قان زەردابى، دىئاگنوز سۇيۇقلۇقى، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك خاراكتېرىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەر ۋە باشقىلارنى كۆرسىتىدۇ.

    47 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىمزالىغان ياكى قاتناشقان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر كارانتىنىغا ئالاقىدار شەرتنامىلاردا بۇ قانۇندىكىگە ئوخشاشمايدىغان بەلگىلىمىلەر بولسا، شۇ خەلقئارا شەرتنامىلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ماددىلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    48 - مادداچېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى كارانتىن قىلغىنى ئۈچۈن بەلگىلىمە بويىچە ھەق ئالىدۇ. ھەق ئېلىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مال باھاسىغا مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن بىللە تۈزۈپ چىقىدۇ.

    49 - مادداگوۋۇيۈەن بۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

    50 - ماددابۇ قانۇن 1992 - يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. گوۋۇيۈەن 1982 - يىل 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش نىزامى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6 7 8 9 10  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941