سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    1991 - يىل 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1991 - يىل 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 53 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - مادداھايۋانات يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى، پارازىت قۇرت ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە زىيانداش كېسەللىك، ھاشارات، ئوت - چۆپلەر ۋە باشقا زىيانلىق جانلىق مەۋجۇداتلار )تۆۋەندە، قىسقارتىلىپ كېسەللىك ۋە ھاشارات دەپ ئېلىندى( نىڭ مەملىكەت سىرتىدىن كىرىشى ۋە مەملىكىتىمىزدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنى ۋە خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش، تاشقى ئىقتىسادىي سودىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ قانۇن تۈزۈلدى.

    2 - ماددائىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى ھەم كارانتىن ئوبيېكتىلىرىنى توشۇش، قاچىلاش، ئوراش سايمانلىرى، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك كېسەللىكلىرى تارقالغان رايوندىن كەلگەن ترانسپورت قوراللىرى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كارانتىن قىلىنىدۇ.

    3 - مادداگوۋۇيۈەن دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ، دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگىنى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن چېگرا ئېغىزلىرىدا ۋە ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش ۋەزىپىسى مەركەزلەشكەن جايلاردا تەسىس قىلغان چېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگانلىرى، ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە كارانتىن قىلىدۇ.

    سودا خاراكتېرىدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش ئورگانلىرىنى گوۋۇيۈەن ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلەيدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    4 - مادداچېگرا ئېغىزى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن ئورگانلىرى كارانتىن قىلغاندا تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ:

    (1) بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، پاراخوت، پويىز، ئايروپىلانلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كارانتىن قىلىش؛

    (2) پورت، ئايرودروم، ۋوگزال، پوچتىخانا، تېرىقچىلىق مەيدانلىرىغا كىرىپ كارانتىن قىلىش ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىش؛

    (3) كارانتىن قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش، ساقلاش ئورۇنلىرىغا كىرىپ، كېسەللىك ئەھۋاللىرىنى ئۆلچەش، تەكشۈرۈش ۋە كارانتىن قىلىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى بېجىرىش؛

    (4) كارانتىن ئوبيېكتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۈرۈش خاتىرىسى، توشۇش تالونى، توختام، ئىسچوت ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى كۆرۈش، كۆپەيتىۋېلىش، خاتىرىلىۋېلىش.

   1 2 3 4 5 6 7 8 9 10 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384941