جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كان بىخەتەرلىك قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1992 - يىل 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1992 - يىل 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ65 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب بئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - مادداكارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كانلاردا ھادىسە كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كان ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، كانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بۇ قانۇن تۈزۈلدى.

    2 - مادداجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدا ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە كان بايلىقلىرىنى ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشتا بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىنىشى شەرت.

    3 - مادداكانچىلىق كارخانىلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇئەسسەسەلەرگە ئىگە بولۇشى، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك شارائىتىنى ياخشىلىشى، كانلارنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈشى شەرت.

    4 - مادداگوۋۇيۈەننىڭ ئەمگەك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كان بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بىر تۇتاش نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى كان بىخەتەرلىك خىزمىتىگە بىر تۇتاش نازارەتچىلىك قىلىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كانچىلىق كارخانىلىرىنى باشقۇرىدىغان تارمىقى كان بىخەتەرلىك خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

    5 - ماددادۆلەت كان بىخەتەرلىكى بويىچە پەن - تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ، ئىلغار تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك مۇئەسسەسەلىرىنى ياخشىلاپ، كانلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرىدۇ.

    6 - ماددابىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش، كانلاردا ھادىسە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كانلاردا خېيىمخەتەردىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، كان بىخەتەرلىكى بويىچە پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەرگە مۇكاپات بېرىدۇ.

    2 – باب كان قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش

    7 - مادداكان قۇرۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك مۇئەسسەسەلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرگە لايىھىلەش، ياساش، بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇش لازىم.

    8 - مادداكان قۇرۇلۇشلىرىغا دائىر لايىھىلەش ھۆججەتلىرى كان بىخەتەرلىكى قائىدىلىرىگە ۋە ساھەنىڭ تېخنىكا قائىدىلىرىگە مۇۋاپىق بولۇشى ھەمدە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كانچىلىق كارخانىلىرىنى باشقۇرىدىغان تارماقنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ كان بىخەتەرلىكى قائىدىسىگە ۋە ساھەنىڭ تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىرىنى تەستىقلاشقا بولمايدۇ.

    كان قۇرۇلۇشىغا دائىر بىخەتەرلىك مۇئەسسەسەلەر لايىھىسىنى تەكشۈرۈشكە ئەمگەك مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قاتنىشىشى شەرت.

    كان بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە ساھە تېخنىكا قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ كانچىلىق كارخانىلىرىنى باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.