جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1996 - يىل 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 69 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، مائارىپ قانۇنى ۋە ئەمگەك قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ۋە ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەربىيىلەشكە تەتبىقلىنىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئۆز خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيىلىشى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ.

    3 - ماددا كەسپىي مائارىپ دۆلەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى.

    دۆلەت كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرىدۇ، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

    4 - ماددا كەسپىي مائارىپتا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەربىيىلەنگۈچىلەرگە ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ۋە كەسپىي ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش، كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىتىش، كەسپىي ماھارەتنى يېتىلدۈرۈش، كەسپىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيىلەنگۈچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش شەرت.

    5 - ماددا پۇقرالار قانۇن بويىچە كەسپىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

    6 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

    ساھە تەشكىلاتلىرى ۋە كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

    7 - ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا كەسپىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت، ياقا، نامرات رايونلارنىڭ كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولىدۇ.

    دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ كەسپىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، ئىشسىزلارنى ھەر خىل شەكىلدىكى كەسپىي تەلىم - تەربىيە ئېلىشقا تەشكىللەيدۇ، مېيىپلار كەسپىي مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار - يۆلەك بولىدۇ.

    8 - ماددا كەسپىي مائارىپتا، ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت بەلگىلىگەن كەسىپ تۈرى ۋە كەسىپ دەرىجە ئۆلچىمىگە يارىشا، ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى، تەربىيىلىنىش گۇۋاھنامىسى ۋە كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

    دۆلەت ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئىلگىرى ياكى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرى تېگىشلىك كەسپىي تەلىم - تەربىيە ئېلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

    9 - ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپ ئىلمى تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە ئۇنى تەشكىللەيدۇ.

    10 - ماددا دۆلەت كەسپىي مائارىپتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقات ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

    11 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، ئومۇملاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرىدۇ، ماكرو جەھەتتىن باشقۇرىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى ۋە مۇپەتتىشلىك قىلىپ باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.