جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قېزىلما بايلىق قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1986 - يىل 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 21 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قېزىلما بايلىق قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكىقارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددا بۇ قانۇن كانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

    2 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسى ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشتا، بۇ قانۇنغا رىئايە قىلىش شەرت.ف

    3 - ماددا قېزىلما بايلىق دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، دۆلەتنىڭ قېزىلما بايلىققا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن يۈرگۈزىدۇ. دۆلەتنىڭ يەر ئۈستى ياكى يەر ئاستىدىكى قېزىلما بايلىققا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئىشلىتىش ھوقۇقى بايلىق بار يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

    دۆلەت قېزىلما بايلىقتىن مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قېزىلما بايلىقنى ھەرقانداق ۋاسىتە بىلەن ئىگىلىۋېلىشىغا ياكى ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قېزىلما بايلىقنى ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى شەرت.

    قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشتا، قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ، تەستىقلىتىپ چارلاش ھوقۇقى، ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ھەمدە تىزىملىتىش شەرت؛ لېكىن قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىپ كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كانچىلىق كارخانىسىنىڭ ئايرىپ بېرىلگەن كان رايونىدا شۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە چارلىشى بۇنىڭ سىرتىدا. دۆلەت كان چارلاش ھوقۇقى ۋە كان ئېچىش ھوقۇقىنى دەخلى - تەرۇزدىن ساقلايدۇ، كان رايونى ۋە كان چارلاش مەشغۇلات رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت تەرتىپىنى تەسىر ۋە بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلايدۇ.

    قېزىلما بايلىق چارلىغۇچى ۋە ئاچقۇچىلار بەلگىلەنگەن ساپا شەرتىنى ھازىرلىشى شەرت.

    4 - ماددا دۆلەت قانۇن بويىچە قۇرۇلغان كانچىلىق كارخانىلىرىنىڭ قېزىلما بايلىق ئېچىشتىكى قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    دۆلەت كانچىلىق كارخانىسى قېزىلما بايلىق ئېچىشنىڭ سۇبيېكتىدۇر. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كانچىلىق ئىقتىسادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ۋە راۋاجلىنىشىنى دۆلەت كاپالەتلەندۈرىدۇ.س

    5 - ماددا دۆلەت كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىغا ھەقلىق ئېرىشىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ؛ لېكىن دۆلەت كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىغا ھەقلىق ئېرىشىش ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ بەلگىلىسە بولىدۇ، كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    قېزىلما بايلىقنى ئېچىشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بايلىق بېجى ۋە بايلىق تولۇقلىما ھەققى تاپشۇرۇشى شەرت.

    6 - ماددا كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىدىن تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ:

    (1) كان چارلاش ھوقۇق ئىگىسى ئايرىپ بېرىلگەن چارلاش مەشغۇلات رايونىدا بەلگىلەنگەن چارلاش مەشغۇلاتى قىلىشقا ھوقۇقلۇق، چارلاش مەشغۇلات رايونىدىكى قېزىلما بايلىقنى ئېچىش ھوقۇقىغا ئاۋۋال ئېرىشىشكە ھوقۇقلۇق. كان چارلاش ھوقۇق ئىگىسى بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن چارلاش سېلىنمىسىنى سالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ، كان چارلاش ھوقۇقىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ؛

    (2) كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كانچىلىق كارخانىلىرىدىن قوشۇۋېتىش، ئايرىۋېتىش، شېرىكلىشىش، ھەمكارلىشىش ياكى مۈلكىنى سېتىش ۋە مۈلۈك ھوقۇقىدا ئۆزگىرىش بولۇش قاتارلىق باشقا ئەھۋال تۈپەيلىدىن كان ئېچىش ھوقۇق سۇبيېكتىنى ئۆزگەرتىدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە تەستىقلىتىپ كان ئېچىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.

    ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمىنىڭ كونكرېت چارىسى ۋە يولغا قويۇش قەدەم باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    كان چارلاش ھوقۇقى، كان ئېچىش ھوقۇقىنى ھايىنىغا سېتىپ پايدا ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    7 - ماددا دۆلەت قېزىلما بايلىقنى چارلاش، ئېچىشتا، بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە چارلاش، مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش فاڭجېنىنى يولغا قويىدۇ.