جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    2002 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2002 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ77 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    مۇندەرىجە

    1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 - باب يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش

    3 - باب قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش

    4 - باب قانۇنىي جاۋابكارلىق

    5 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇپ، يىرىك پىلان ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىتقا يەتكۈزىدىغان ناچار تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مۇھىتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت تەسىرىنى باھالاش يىرىك پىلان ۋە قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىتقا يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىپ، ئالدىن مۆلچەرلەپ ۋە باھالاپ، مۇھىتقا يەتكۈزىدىغان ناچار تەسىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى يېنىكلىتىش چارە - تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىز قوغلاپ كۆزىتىش ئۇسۇلى ۋە تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - ماددا بۇ قانۇننىڭ 9 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دائىرىدە يىرىك پىلان تۈزۈشتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشتا، مۇھىت تەسىرىنى بۇ قانۇن بويىچە باھالاش كېرەك.

    4 - ماددا مۇھىت تەسىرىنى ئوبيېكتىپ، ئاشكارا، ئادىل باھالاپ، يىرىك پىلان ياكى قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىت ئامىللىرىغا ۋە ئۇنىڭدىن شەكىللەنگەن ئېكولوگىيە سىستېمىسىغا يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىنى ئەتراپلىق ئويلىشىپ، تەدبىر بەلگىلەش ئۈچۈن ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بېرىش شەرت.

    5 - ماددا دۆلەت ئالاقىدار ئورۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەتنى مۇھىت تەسىرىنى باھالاشقا مۇۋاپىق شەكىلدە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

    6 - ماددا دۆلەت مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئۇل سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئۇسۇلى، تېخنىكا قائىدىسى جەھەتتىكى ئىلمىي تەتقىقاتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئۇچۇرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان زۆرۈر تۈزۈمنى ئورنىتىپ، مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ئۇل سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

    2 – باب يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش

    7 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار يەردىن پايدىلىنىشقا ئالاقىدار يىرىك پىلان ۋە رايون، ۋادى، دېڭىز تەۋەسىدە قۇرۇلۇش قىلىش، ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ تۈزۈشتە، مۇھىت تەسىرنى باھالىتىشى، شۇ يىرىك پىلانغا مۇھىت تەسىرىگە ئالاقىدار مەزمۇن ياكى ئىزاھاتنى كىرگۈزۈشى كېرەك.

    يىرىك پىلاننىڭ مۇھىت تەسىرىگە ئالاقىدار مەزمۇنى ياكى ئىزاھاتىدا يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىتقا يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان تەسىرىنى تەھلىل قىلىپ، مۆلچەرلەپ ۋە باھالاپ، مۇھىتقا يەتكۈزىدىغان ناچار تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنى يېنىكلىتىش چارە - تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى يىرىك پىلان لايىھىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە تەستىقلىغۇچى ئورگانغا قوشۇپ يوللاش كېرەك.

    مۇھىت تەسىرىگە ئالاقىدار مەزمۇن ياكى ئىزاھات بولمىغان يىرىك پىلان لايىھىسىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان تەستىقلىمايدۇ.