سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    35 - ماددا سۇغا كېرەكسىز ئىسسىق سۇ چىقارغاندا، تەدبىر قوللىنىپ، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسسىقلىقتىن بۇلغىنىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    36 - ماددا تەركىبىدە كېسەللىك قوزغىغۇچى مىكروب بار پاسكىنا سۇ چىقارغاندا، دېزىنفېكسىيىلەپ بىر تەرەپ قىلىش شەرت؛ ئۇنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچەملىرىگە يەتكەندىن كېيىن چىقىرىشقا بولىدۇ.

    37 - ماددا يەر سۇغىرىش ئۆستەڭلىرىگە سانائەت كېرەكسىز سۈيى ۋە شەھەر پاسكىنا سۈيى چىقارغاندا، تۆۋەن ئېقىمغا ئەڭ يېقىن سۇ ئېلىش نۇقتىلىرىدىكى سۇ سۈپىتىنى يەر سۇغىرىش سۇ سۈپىتى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    سانائەت كېرەكسىز سۈيى ۋە شەھەر پاسكىنا سۈيىدىن پايدىلىنىپ يەر سۇغىرىشتا، تۇپراق، يەر ئاستى سۈيى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    38 - ماددا دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىشلىتىشنى دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى بىخەتەر ئىشلىتىشكە ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

    ۋاقتى ئۆتۈپ كۈچىدىن قالغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى توشۇش، ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    39 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىقنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىمىيىۋى ئوغۇت ۋە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ زىيادە ئىشلىتىلىشىنى كونترول قىلىپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

    40 - ماددا كېمە - پاراخوتلارنىڭ تەركىبىدە ماي بولغان پاسكىنا سۇ ۋە تۇرمۇش پاسكىنا سۇلىرىنى چىقىرىشنى كېمە - پاراخوتنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش شەرت. دېڭىز - ئوكيان قاتنىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاراخوتلار ئىچكى دەريا ۋە پورتلارغا كىرگەندە، پاراخوتنىڭ ئىچكى دەرياغا بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك.

    پاراخوتتىكى قالدۇق ماي، كېرەكسىز مايلارنى يىغىۋېلىش شەرت، ئۇنى سۇغا چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    پاراخوتتىكى ئەخلەتلەرنى سۇغا تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384791