سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    24 - ماددا سۇنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلارنى سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتكۈزۈش كېرەك.

    مەركەزگە ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تۈزەش سۈرۈكىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى پىكىر قويۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ. شەھەرلىك، ناھىيىلىك ياكى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تۈزەش سۈرۈكىنى شەھەرلىك، ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى پىكىر قويۇپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ. بۇلغىما چىقىرىدىغان ئورۇن تۈزەش ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە ئورۇندىشى كېرەك.

    25 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى بۇلغىما چىقارغان ئورۇنلارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى ئورگاننىڭ تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسپىي مەخپىيىتىنى ساقلاش مەسئۇلىيىتى بار.

    26 - ماددا مەمۇرىي رايون ھالقىغان سۇ بۇلغىنىش ماجىرالىرىنى ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېڭىشىپ ھەل قىلىشى ياكى ئۇلارغا ئورتاق يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى كېلىشتۈرۈپ ھەل قىلىشى كېرەك.

    4 - باب يەرئۈستى سۈيى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    27 - ماددا تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلاردىكى سۇ، مۇھىم بېلىقچىلىق سۇلىرى ۋە باشقا ئالاھىدە ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت قىممىتى بولغان سۇ مۇھاپىزەت رايونى ئىچىدە يېڭىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشقا بولمايدۇ. مۇھاپىزەت رايونى ئەتراپىغا يېڭىدىن بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويماقچى بولغانلار مۇھاپىزەت رايونىدىكى سۇنى بۇلغىماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى شەرت.

    بۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ياسالغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىدىن چىقىرىدىغان بۇلغىما دۆلەت ئۆلچىمى ياكى يەرلىك ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى تۈزەش كېرەك. ئىچىملىك سۇ مەنبەسىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى يۆتكىۋېتىش لازىم.

    28 - ماددا بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇندا ھادىسە ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ، چىقىرىلغان بۇلغىما نورمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىپ، سۇ بۇلغىنىش ھادىسىسى كۆرۈلسە ياكى كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولسا، دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، سۇ بۇلغىنىش خەۋپىگە ۋە زىيىنىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئورۇنلارنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈش ھەمدە شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا دوكلات قىلىش شەرت. كېمە - پاراخوت بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلسا، يېقىن ئەتراپتىكى سۇ قاتنىشى مەمۇرىي ئورگىنىغا دوكلات قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

    بېلىقچىلىق بۇلغىنىش ھادىسىسى كېلىپ چىقسا، بېلىقچىلىق مەمۇرىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.

    29 - ماددا سۇغا ماي، كىسلاتا، ئىشقار ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك كېرەكسىز سۇيۇقلۇق چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    30 - ماددا سۇدا ماي ياكى زەھەرلىك بۇلغىما قاچىلانغان ۋە ساقلانغان ماشىنا ۋە قاچىلارنى يۇيۇپ تازىلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

    31 - ماددا تەركىبىدە سىماب، كادمىي، ئارسېن، خروم، قوغۇشۇن، سئاند، سېرىق فوسفور قاتارلىقلار بولغان ئېرىشچان كۈچلۈك زەھەرلىك تاشلاندۇقلارنى سۇغا چىقىرىش، تۆكۈش ياكى بىۋاسىتە يەر ئاستىغا كۆمۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

    ئېرىشچان كۈچلۈك زەھەرلىك تاشلاندۇق بار سورۇنلاردا سۇدىن، سىڭىشتىن، ئېقىپ كېتىشتىن ساقلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش شەرت.

    32 - ماددا سۇغا سانائەت داشقىلى، شەھەر ئەخلىتى ۋە باشقا تاشلاندۇقلارنى چىقىرىش ۋە تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

    33 - ماددا دەريا، كۆل، قانال، ئېرىق - ئۆستەڭ، سۇ ئامبارلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سۇ ئورنى سىزىقىدىن تۆۋەن ساھىل ۋە قىرغاقلارغا قاتتىق تاشلاندۇق ۋە باشقا بۇلغىمىلارنى دۆۋىلەپ قويۇش، ساقلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

    34 - ماددا سۇغا رادىئوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇق ياكى تەركىبىدە يۇقىرى ۋە ئوتتۇراھال رادىئوئاكتىپ ماددا بولغان كېرەكسىز سۇ چىقىرىش ياكى تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

    سۇغا تەركىبىدە تۆۋەن رادىئوئاكتىپلىق ماددا بار كېرەكسىز سۇنى چىقىرىش دۆلەتنىڭ رادىئوئاكتىپلىق ماددىلاردىن ساقلىنىشقا دائىر بەلگىلىمىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت.

   上一页 1 2 3 4 5 6 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384791