سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    20 - ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونىنى بېكىتسە بولىدۇ. تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى ۋە باشقا دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىغا بۆلۈنىدۇ. تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ سۇ ئېلىش ئېغىزى ئەتراپىدىن بەلگىلىك سۇ ۋە قۇرۇقلۇق رايونىنى 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ. تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدىن باشقا بەلگىلىك سۇ ۋە قۇرۇقلۇق رايونىنى باشقا دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونلىرىنىڭ ئېنىق جۇغراپىيىلىك پاسىلى بولۇشى لازىم.

    تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدىكى سۇغا پاسكىنا سۇ چىقىرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدا ساياھەت قىلىش، سۇ ئۈزۈش ۋە تۇرمۇش ئىچىملىك سۈيىنى بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان باشقا ھەرىكەتلەر مەنئى قىلىنىدۇ.

    تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدا سۇ بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەسى ۋە سۇ مەنبەسىنى ئاسراش بىلەن مۇناسىۋەتسىز قۇرۇلۇشلارنى يېڭىدىن سېلىش ۋە كېڭەيتىپ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    تۇرمۇش يەر ئۈستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسى 1 - دەرىجىلىك مۇھاپىزەت رايونىدا قويۇلغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسىدە سۈرۈك ئىچىدە چۇۋۇشقا ياكى تىزگىنلەشكە بۇيرۇيدۇ.

    تۇرمۇش يەر ئاستى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى ئاسراشنى كۈچەيتىش لازىم.

    تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنى ئاسراشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    21 - ماددا تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ مەنبەسى ئېغىر بۇلغىنىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكەن جىددىي پەيتتە، مۇھىت ئاسراش تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن، مەجبۇرلايدىغان جىددىي تەدبىر قوللىنىشى، جۈملىدىن ئالاقىدار كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا ياكى توختىتىشقا بۇيرۇشى لازىم.

    22 - ماددا كارخانىلار خام ئەشيادىن پايدىلىنىپ، ئۈنۈمى يۇقىرى، بۇلغىما چىقىرىش مىقدارى ئاز بولغان پاكىز ئىشلەپ چىقىرىش ھۈنىرىنى قوللىنىشى ھەم باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۇ بۇلغىمىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىشى كېرەك.

    دۆلەت سۇ مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغايدىغان قالاق ئىشلەپ چىقىرىش ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى شاللىۋېتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى بىلەن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە قوللىنىش مەنئى قىلىنغان سۇ مۇھىتنى ئېغىر بۇلغىغۇچى ھۈنەر مۇندەرىجىسى ۋە سۈرۈك ئىچىدە ئىشلەپ چىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت قىلىش، ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان سۇ مۇھىتىنى ئېغىر بۇلغىغۇچى ئۈسكۈنىلەر مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ.

    ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار، ئىمپورت قىلغۇچىلار ياكى ئىشلەتكۈچىلەر گوۋۇيۈەن ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بەلگىلىگەن سۈرۈك ئىچىدە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلىگەن مۇندەرىجىگە كىرگۈزۈلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئىمپورت قىلىشنى ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشى شەرت. ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى قوللىنىدىغانلار گوۋۇيۈەن ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن سۈرۈك ئىچىدە، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدىكى ھۈنەرنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك.

    ئالدىنقى ئىككى ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

    23 - ماددا سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى بولمىغان خىمىيىلىك قەغەز بوتقىسى ئىشلەيدىغان، باسىدىغان، بويايدىغان، رەڭ ياسايدىغان، كۆن - خۇرۇم ئىشلەيدىغان، ئېلېكترلىك ھەل بېرىدىغان، نېفىت ئايرىيدىغان، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەيدىغان ۋە سۇ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان باشقا كىچىك كارخانىلارنى يېڭىدىن قۇرۇشنى مەنئى قىلىدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384791