سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    14 - ماددا سۇغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ئۆزىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئەسلىھەسى، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى ۋە نورمال مەشغۇلات شارائىتىدا چىقىرىدىغان بۇلغىما تۈرى، مىقدارى ۋە قويۇقلۇق دەرىجىسىنى مەلۇم قىلىپ تىزىملىتىشى ھەم سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.

    ئالدىنقى ماددىدا بەلگىلەنگەن بۇلغىما چىقارغۇچى ئورۇنلار چىقىرىدىغان سۇ بۇلغىما تۈرى، مىقدارى ۋە قويۇقلۇق دەرىجىسىدە زور ئۆزگىرىش بولسا، ئۇنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك. سۇ بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنىڭ نورمال ئىشلەش ھالىتىنى ساقلاش شەرت، سۇ بۇلغىمىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى چۇۋۇۋېتىدىغانلار ياكى بىكار قويىدىغانلار ئالدى بىلەن ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا تەستىقلىتىشى شەرت.

    15 - ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىن سۇغا بۇلغىما چىقارغانلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، دۆلەت ياكى يەرلىكنىڭ بەلگىلىمىسىدىكى بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرۇشى لازىم.

    بۇلغىما چىقىرىش ھەققى ۋە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىش ھەققىنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىش شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

    ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بۇلغىما چىقىرىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار يىرىك پىلان تۈزۈپ تىزگىنلىشى ھەم تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى لازىم.

    16 - ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈلگەندىمۇ، دۆلەت بەلگىلىگەن سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەن سۇغا ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويسا بولىدۇ ھەمدە بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش ۋەزىپىسى بار كارخانىلاردا ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى بېكىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    17 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئالاقىدار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا ۋادىسىدىكى سۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش رولى ۋە ئالاقىدار جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، شۇ مۇھىم دەريا ۋادىسىدىكى سۇنىڭ ئۆلكە چېگرىسىدىكى قىسمىغا تەتبىقلىنىدۇ. سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىنى بەلگىلەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويسا بولىدۇ.

    18 - ماددا دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىم دەريا ۋادىسىدىكى سۇ بايلىقىنى ئاسرىغۇچى خىزمەت ئاپپاراتى ئۆزى تۇرۇشلۇق ۋادىدىكى سۇنىڭ ئۆلكە چېگرىسىدىكى قىسمىنىڭ سۇ مۇھىتى سۈپەت ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل بولىدۇ ھەم كۆزىتىش نەتىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن ۋادى سۇ بايلىقىنى ئاسراش رەھبەرلىك ئاپپاراتى قۇرغانلىرى كۆزىتىش نەتىجىسىنى ۋادى سۇ بايلىقىنى ئاسراش رەھبەرلىك ئورگىنىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىدۇ.

    19 - ماددا شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

    گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر سۇ مەنبەسىنى ئاسراش ۋە شەھەردىكى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى شەھەر قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، شەھەر سۇ چىقىرىش تۇرۇبا تورى قۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، پىلانلىق ھالدا شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشى، شەھەر سۇ مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىشى لازىم.

    شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بۇلغىما چىقارغۇچىلارغا پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەقلىق مۇلازىمىتى قىلىپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى ئېلىپ، پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىگە پاسكىنا سۇ چىقىرىپ، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى تاپشۇرغانلار بۇلغىما چىقىرىش ھەققى تاپشۇرمايدۇ. يىغىۋېلىنغان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققى شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى سېلىشقا ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىشىگە سەرپ قىلىنىشى شەرت، باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

    شەھەردىكى پاسكىنا سۇنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى ئېلىش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

   上一页 1 2 3 4 5 6 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384791