سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    3 - بابسۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    9 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە تەڭشەشتە بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشى، دەريالارنىڭ مۇۋاپىق ئېقىن مىقدارى ۋە كۆل، سۇ ئامبىرى، شۇنىڭدەك يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ مۇۋاپىق سۇ ئورنىنى، سۇنىڭ تەبىئىي تازىلىنىش ئىقتىدارىنى قوغدىشى كېرەك.

    10 - ماددا سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە ۋادى ياكى رايون بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى، پىلان مەسئۇل تارمىقى، سۇ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

    باشقا ئۆلكە، ناھىيە ھالقىغان دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى دۆلەت بېكىتكەن مۇھىم دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ۋە شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى، سۇ باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ، گوۋۇيۈەنگە ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. ناھىيە ھالقىسىمۇ ئۆلكە ھالقىمايدىغان باشقا دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى شۇ ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

    تەستىقلىتىلغان سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ ئاساستۇر، يىرىك پىلانغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش شەرت.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قانۇن بويىچە تەستىقلانغان دەريا ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى تەشكىللىشى ھەمدە ئۇنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ۋە يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

    11 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارمىقى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سانائەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، سۇ بۇلغانغان كارخانىلارنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە تېخنىكا جەھەتتە ئۆزگەرتىپ، ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىپ، سۇدىن قايتا پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى، بايلىقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى، كېرەكسىز سۇ ۋە بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەك.

    12 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەشھۇر مەنزىرىلىك رايون، مۇھىم بېلىقچىلىق ۋە باشقا ئىقتىساد، مەدەنىيەت قىممىتىگە ئىگە جايلاردىكى سۇ مۇھاپىزەت رايونىنى بەلگىلىسە بولىدۇ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇھاپىزەت رايونىدىكى سۇنى بەلگىلەنگەن پايدىلىنىش تۈرىدىكى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

    13 - ماددا سۇغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك بۇلغىما چىقىرىدىغان قۇرۇلۇش تۈرى ۋە باشقا سۇ ئۈستى ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن ياساش، كېڭەيتىش ۋە ئۆزگەرتىشتە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش شەرت.

    قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىت تەسىرى دوكلاتىدىكى قۇرۇلۇش تۈرى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان سۇ بۇلغىنىشنى ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىر توغرىسىدىكى باھا، بېكىتكەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ئالاقىدار مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت. قانال، ئۆستەڭ، سۇ ئامبىرى قاتارلىق سۇ قۇرۇلۇشلىرىغا بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى قويۇشتا، سۇ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرغۇچى ئالاقىدار تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

    قۇرۇلۇش تۈرىدىكى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەسى ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھىلىنىشى، تەڭ قۇرۇلۇشى، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كېرەك، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا تەكشۈرتۈش شەرت. بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتمىگەن قۇرۇلۇش تۈرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ياكى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

    مۇھىت تەسىرى دوكلاتىدا شۇ قۇرۇلۇش تۈرى بار جايدىكى ئورۇن ۋە ئاھالىنىڭ پىكرى بولۇشى كېرەك.

   上一页 1 2 3 4 5 6 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384791