سىزنىڭ ئورنىڭىز :باش بەت >>تېكىست

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

مۇھەررىر: مەريەمگۈل
مەنبەسى: چاقىلىق تورى
يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-19

    1984 - يىل 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، مۇھىتنى ئاسراپ ۋە ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، سۇ بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددابۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى دەريا، كۆل، قانال، ئۆستەڭ، سۇ ئامبىرى قاتارلىق يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

    دېڭىز - ئوكيان بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش باشقا قانۇندا بەلگىلىنىدۇ، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

    3 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ مۇھىتىنى ئاسراش خىزمىتىنى پىلانغا كىرگۈزۈپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش چارە - تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

    4 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئورگاندۇر.

    ھەر دەرىجىلىك قاتناش تارماقلىرىنىڭ سۇ قاتنىشى مەمۇرىي ئورگىنى كېمە - پاراخوتلارنىڭ بۇلغىنىشىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئورگاندۇر.

    ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇ باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، گىئو قېزىلما تارمىقى، شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مۇھىم دەريا سۇ مەنبەسىنى قوغداش ئاپپاراتى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ماسلىشىپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    5 - ماددا بارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتى ھەمدە سۇ مۇھىتىنى بۇلغايدىغان، ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى نازارەت قىلىش ۋە پاش قىلىش ھوقۇقى بار.

    سۇ بۇلغىنىش خەۋپىدىن بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخس خەۋپ يەتكۈزگۈچىدىن خەۋپنى تۈگىتىش ۋە زىيان تۆلىمى بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    2 - بابسۇ مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى بېكىتىش

    6 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى دۆلەتنىڭ سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ مۇھىت سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە يەرلىك قوشۇمچە ئۆلچەم بېكىتسە بولىدۇ ھەمدە ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ.

    7 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى سۇ مۇھىت سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن بۇلغىما چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

    ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىدە بەلگىلەنمىگەن تۈرلەردە سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتسە بولىدۇ. سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن تۈرلەردە سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش دۆلەت ئۆلچىمىدىنمۇ قاتتىق ئۆلچەم بېكىتسە بولىدۇ. يەرلىك سۇ بۇلغىمىسى چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش شەرت.

    بۇلغىمىسى چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمى بولغانلىكى سۇغا بۇلغىما چىقىرىدىغانلار بۇلغىمىسى چىقىرىش يەرلىك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

    8 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەلىپى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق پەيتتە، سۇ مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمى ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىنى تۈزۈش كېرەك.

   1 2 3 4 5 6 下一页  

[武文霞]
010020070830000000000000011100001315384791