جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 77 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددابۇ قانۇن مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، تۇرمۇش مۇھىتىنى قوغداپ ۋە ياخشىلاپ، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددابۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت شاۋقۇنى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، قاتناش - ترانسپورت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا پەيدا بولغان، ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا كاشىلا قىلىدىغان ئاۋازنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىش پەيدا بولغان مۇھىت شاۋقۇنى چىقىرىش دۆلەت بەلگىلىگەن مۇھىت شاۋقۇنى ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىدىغان ھەمدە كىشىلەرنىڭ نورمال تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشىگە كاشىلا قىلىدىغان ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ.

    3 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە تەتبىقلىنىدۇ.

    ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارىتىدىكى شاۋقۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

    4 - ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىت ئاسراش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئاۋاز مۇھىتىنى ئاسراشقا پايدىلىق ئىقتىسادىي سىياسەت، تېخنىكا سىياسىتى ۋە تەدبىرى قوللىنىشى لازىم.

    5 - ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شەھەر - يېزا قۇرۇلۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، قۇرۇلۇش تۈرى ۋە رايون بويىچە ئېچىش، ئۆزگەرتىشتىن پەيدا بولغان شاۋقۇننىڭ ئەتراپتىكى تۇرمۇش مۇھىتىغا بولغان تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، فۇنكسىيىلىك رايون ۋە قۇرۇلۇشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى ئۇنى يېنىكلىتىشى لازىم.

    6 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    ھەر دەرىجىلىك ج خ، قاتناش، تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە مەسئۇل تارماقلىرى ۋە پورت ئىشلىرى نازارەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، قاتناش - تراسپورت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

    7 - ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئاۋاز مۇھىتىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە ئۇلار مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنى پەيدا قىلغان ئورۇن ۋە شەخسنى پاش قىلىشقا ھەم شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    8 - ماددا دۆلەت مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىلمىي تەتقىقاتى، تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئىلغار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدۇ، شۇنىڭدەك مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.

    9 - ماددا مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جەھەتتە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسنى خەلق ھۆكۈمىتى مۇكاپاتلايدۇ.

    2 – باب مۇھىت شاۋقۇنىدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    10 - ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوخشاش بولمىغان فۇنكسىيىلىك رايونلارغا قاراپ، دۆلەتنىڭ ئاۋاز مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئاۋاز مۇھىتى سۈپەت ئۆلچىمىگە ئاساسەن شۇ مەمۇرىي رايونىدىكى ھەر خىل ئاۋاز مۇھىتىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى تەتبىقلىنىدىغان رايونلارنى ئايرىپ چىقىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.