جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1984 - يىل 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1998 - يىل 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2 - يىغىنىنىڭ «>جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى< غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى

1 -باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1- ماددا بۇ قانۇن ئورمان بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش، يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، دۆلەت زېمىنىنى كۆركەرتىشنى تېزلىتىش، ئورماننىڭ سۇ - تۇپراقنى ساقلاش، كىلىماتنى تەڭشەش، مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە ئورمان مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتياجىغا لايىقلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2 -ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئورمان، دەل - دەرەخ يېتىلدۈرۈش، تىكىش، كېسىپ پايدىلىنىش ۋە ئورمان، دەل - دەرەخ، ئورمان يېرىنى باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلىش شەرت.

3- ماددا ئورمان بايلىقى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، قانۇندا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى ۋە كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى ئورمان، دەل - دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى، شەخسلەر ئىلكىدىكى دەل - دەرەخ ۋە پايدىلىنىۋاتقان ئورمان يېرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە تارقىتىپ، ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، گوۋۇيۈەننىڭ بېكىتىكەن دۆلەت ئىگىدارلىقىدىكى نۇقتىلىق ئورمان رايونىدىكى ئورمان، دەل - دەرەخ ۋە ئورمان يېرىنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، گۇۋاھنامە تارقاتسا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئۇقتۇرسا بولىدۇ.

ئورمان، دەل - دەرەخ، ئورمان يېرىگە ئىگىدارلىق قىلغۇچىلار ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    4- ماددا ئورمان مۇنداق بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ:

(1) ئىھاتە ئورمىنى: مۇداپىئە ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان ئورمان، دەل - دەرەخ ۋە چاتقاللىق، جۈملىدىن سۇ مەنبەسىنى ساقلاش ئورمىنى، سۇ - تۇپراقنى ساقلاش ئورمىنى، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئورمىنى، ئېتىز - ئېرىق، ئوتلاق ئىھاتە ئورمىنى، قىرغاق مۇھاپىزەت ئورمىنى، يول مۇھاپىزەت ئورمىنى؛