جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى
مۇھەررىر:  武文霞     مەنبەسى:  چاقىلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    2000 - يىل 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2004 - يىل 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىنىڭ «<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن سورت بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش ھەرىكەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، سورت يېتىشتۈرگۈچىلەر ۋە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۇرۇق سۈپىتى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇرۇقچىلىقنىڭ كەسىپلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، تېرىقچىلىق ۋە ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۇرۇق زىرائەت ۋە دەل - دەرەخلەرنىڭ تېرىلىدىغان - تىكىلىدىغان ماتېرىيالى ياكى كۆپەيتىلىدىغان ماتېرىيالىنى، جۈملىدىن دېنى، مېۋىسى ۋە يىلتىزى، غولى، مايسىسى، بىخى، يوپۇرمىقى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى مەملىكەت بويىچە زىرائەت ئۇرۇقى ۋە دەل - دەرەخ ئۇرۇقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ زىرائەت ئۇرۇقى ۋە دەل - دەرەخ ئۇرۇقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    4 – ماددا دۆلەت سورت بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتىگە ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپ چىقىرىش، يېڭىلاش، كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە يۆلەك بولىدۇ، سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ، سورت بايلىقىنى مۇھاپىزەت قىلىش خىزمىتى ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

    5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى يېزا ئىگىلىكىنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش فاڭجېنىغا ۋە تېرىقچىلىق، ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈشى ھەمدە بۇ يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مالىيە، كرېدىت ۋە باج قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر قوللىنىپ كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

    6 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى يۆلەشكە مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    7 – ماددا دۆلەت ئاساسلىقى ئاپەت يۈز بەرگەن چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قامداش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. زاپاس ئۇرۇقنى قەرەللىك پرىيوم قىلىش ۋە يېڭىلاپ تۇرۇش لازىم. ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.