جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  خەلىق تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:31

    1986 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1986 - يىل 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 45 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 - ماددا بۇ قانۇن سوتسىيالىستىك پىلانلىق تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش، ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىگىلىكىنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ۋە دېموكراتىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ھەقدارلار بىلەن قەرزدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

    2 - ماددا بۇ قانۇن ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى كارخانىلارغا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 - ماددا كارخانىلار ئۆز ئىگىلىكىنى ياخشى باشقۇرماي، ئېغىر زىيان تارتىپ، قەرزلىرىنى ئۆز قەرەلىسىدە قايتۇرالمىسا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقى جاكارلىنىدۇ.

    كارخانىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى توغرىسىدا ھەقدارلار ئىلتىماس سۇنىدۇ. تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ۋەيران بولدى دەپ جاكارلانمايدۇ:

    (1) جامائەت ئىشلىرى كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پىلانى، خەلق تۇرمۇشى بىلەن زور ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ گەدىنىدىكى قەرزنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش ياكى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىش يولى بىلەن قايتۇرۇپ بەرگەن بولسا؛

    (2) ۋەيران بولغانلىق توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنۇلغان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي ئىچىدە قەرزنى قايتۇرۇپ بولۇشقا كېپىل تاپقان بولسا.

    ۋەيران بولغانلىقى توغرىسىدا ھەقدارلار تەرىپىدىنئىلتىماس سۇنۇلغان، يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارماق تەرتىپكە سېلىشنى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە ھەقدارلار يىغىنى بىلەن يارىشىش كېلىشىمى تۈزگەن كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش رەسمىيىتى توختىتىلىدۇ.

    4 - ماددا دۆلەت ۋەيران بولغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى -خىزمەتچىلىرىنى تۈرلۈك يوللار بىلەن يېڭىۋاشتىن مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن بۇرۇنقى ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، بۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن ئايرىم بەلگىلەيدۇ.

    5 - ماددا ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولار قەرزدار تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.

    6 - ماددا ۋەيران بولۇشقا دائىر دېلولارنىڭ بۇ قانۇندا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغان دەۋا رەسمىيەتلىرىگە ھەق تەلەپ دەۋا رەسمىيىى توغرىسىدىكى قانۇنىي بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

    2 – باب ۋەيران بولغانلىق توغرىسىدىكى ئىلتىماسنىڭ سۇنۇلۇشى ۋە قوبۇل قىلىنىشى

    7 - ماددا قەرزدارلار قەرەلى توشقان قەرزلەرنى قايتۇرالمىسا، ھەقدارلار قەرزدارلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    ھەقدارلار ۋەيران بولغانلىقنى جاكارلاش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى سۇنغاندا، تۆلىتىۋالىدىغان قەرز مىقدارى، قەرزدارلارنىڭ كېپىل قىلىنغان مال - مۈلكىنىڭ بار - يوقلۇقى ۋە قەرزدارلارنىڭ قەرەلى توشقان قەرزلەرنى قايتۇرالمىغانلىقىغا دائىر دەلىل - ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى لازىم.

    8 - ماددا قەرزدارلار ئۆزىنى باشقۇرغۇچى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، ۋەيران بولغانلىقنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

    قەرزدارلار ۋەيران بولغانلىقنى جاكارلاش توغرىسىدىكى ئىلتىماسنى سۇنغاندا، كارخانىنىڭ زىيان تارتىش ئەھۋالىنى ئىزاھلىشى، بوغالتىرلىققا دائىر مەلۇمات جەدۋەللىرىنى، قەرزدارلىق ۋە ھەقدارلىق دەپتەرلىرىنى تاپشۇرۇشى لازىم.