جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:30

    (1983 – يىل 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19 – يىغىنىنىڭ ‹‹<;جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى>غا تۈزىتىشكىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا بىنائەنتۈزىتىلدى، 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    15 – نومۇرلۇق

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى›› 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى›› ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

    مۇندەرىجە

     1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش – باشقۇرۇش

    3 – باب ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش

    4 – باب ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى

    5 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ستاتىستىكا خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەشكىللەش، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ راست، توغرا، تولۇق ۋە ۋاقتىدا چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ستاتىستىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىنى بىلىپ تۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

     2 – ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللەپ قىلغان ستاتىستىكا پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

    ستاتىستىكىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى –– ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش، ستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىش، ستاتىستىكا ماتېرىيالى ۋە ستاتىستىكىلىق مەسلىھەت پىكرى بېرىش، ستاتىستىكىلىق نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش.

    3 – ماددا دۆلەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ستاتىستىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدىغان ستاتىستىكىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.

    4 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ستاتىستىكا خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ،ستاتىستىكا خىزمىتىنى زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

    5 – ماددا دۆلەت ستاتىستىكا ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي بولغان ستاتىستىكا كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ستاتىستىكىلىقتەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ستاتىستىكىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرىدۇ.