جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى
مۇھەررىر:  يۈسۈپجان     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:30

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى

 

 

 

(1983 – يىل 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 19 – يىغىنىنىڭ ‹‹<;جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى>غا تۈزىتىشكىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا بىنائەنتۈزىتىلدى، 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

15 – نومۇرلۇق

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى›› 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستاتىستىكا قانۇنى›› ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

مۇندەرىجە

     1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

     2 – باب ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش – باشقۇرۇش

     3 – باب ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش ۋە ئېلان قىلىش

     4 – باب ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى

     5 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

     6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

     7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

     1 – ماددا بۇ قانۇن ستاتىستىكا خىزمىتىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەشكىللەش، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ راست، توغرا، تولۇق ۋە ۋاقتىدا چىقىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ستاتىستىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىنى بىلىپ تۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

     2 – ماددا بۇ قانۇن ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللەپ قىلغان ستاتىستىكا پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

     ستاتىستىكىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى –– ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش، ستاتىستىكىلىق تەھلىل قىلىش، ستاتىستىكا ماتېرىيالى ۋە ستاتىستىكىلىق مەسلىھەت پىكرى بېرىش، ستاتىستىكىلىق نازارەتچىلىكنى يولغا قويۇش.

     3 – ماددا دۆلەت مەركەزلەشتۈرۈلگەن ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ستاتىستىكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولىدىغان ستاتىستىكىلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ.

    4 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئالاقىدار تارماقلار ستاتىستىكا خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ،ستاتىستىكا خىزمىتىنى زۆرۈر كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

     5 – ماددا دۆلەت ستاتىستىكا ئىلمىي تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي بولغان ستاتىستىكا كۆرسەتكۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ستاتىستىكىلىقتەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ستاتىستىكىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

     دۆلەت ستاتىستىكىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پىلانلىق كۈچەيتىپ، ستاتىستىكا ئۇچۇرىنى توپلاش، بىر تەرەپ قىلىش، يەتكۈزۈش، بىرلىكتە ئىشلىتىش، ساقلاش تېخنىكىسىنى ۋە ستاتىستىكا سانلىق مەلۇمات ئامبار سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ.

    6 – ماددا ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش، ستاتىستىكىلىق مەلۇمات بېرىش، ستاتىستىكىلىق نازارەت قىلىش خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ، ئۇنىڭغا چېقىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

     يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، شۇنىڭدەك ئورۇنلار مەسئۇللىرىنىڭ ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى قانۇن بويىچە توپلىغان، رەتلىگەنلىرىنى ئۆز ئالدىغا تۈزىتىشكە يول قويۇلمايدۇ، ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى، ستاتىستىكا خادىملىرى ۋە باشقا ئاپپاراتلار، خادىملاردىن ستاتىستىكا ماتېرىيالىنى ئويدۇرۇپ چىقىش،  ئۆزگەرتىۋېتىشنى ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن تەلەپ قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلغان ياكى ستاتىستىكا جەھەتتىكى قانۇنغا خىلاپقىلمىشلارنى رەت قىلغان، توسقان ستاتىستىكا خادىملىرىدىن ئۆچ ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

     7 – ماددا دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنۋە باشقا تەشكىلات، شۇنىڭدەك يەككە سودا –سانائەتچى ۋە شەخس قاتارلىق ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك ماتېرىياللارنى مۇشۇ قانۇن ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، راست، توغرا، تولۇق، ۋاقتىدا بېرىشىشەرت، ئۇلارنىڭ راست ياكى تولۇق بولمىغان ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى يوللاشنى كېچىكتۈرۈشىگە، رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

     8 – ماددا ستاتىستىكا خىزمىتىدە جامائەتنىڭ نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ستاتىستىكىدا ساختىپەزلىك قىلىشقا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق. پاش قىلىشتا خىزمەت كۆرسەتكەن ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىتەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش كېرەك.

     9 – ماددا ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى ستاتىستىكا خىزمىتىدە بىلىپ قالغان دۆلەت مەخپىيىتى، سودا مەخپىيىتىنى ۋە شەخسىي ئۇچۇر مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

     10 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ساختا ستاتىستىكا ماتېرىيالىدىن پايدىلىنىپ، شەرەپ نام، ماددىي مەنپەئەتكە ئالدامچىلىق يولى بىلەن ئېرىشىۋېلىشىغا ياكى ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

2 – باب ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش – باشقۇرۇش

     11 – ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى دۆلەتنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى، تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى ۋە يەرلىكنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     دۆلەتنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ كەسپىي ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆرسىتىدۇ. يەرلىكنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭتارماقلىرىنىڭ يەرلىك ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆرسىتىدۇ.

     دۆلەتنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى، تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرى ۋە يەرلىكنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىدە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش كېرەك، تەكرار بولۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

     12 – ماددا دۆلەتنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بېكىتىپ ياكى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىرلىكتە بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرىدۇ؛ دۆلەتنىڭ چوڭ – چوڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىلىدۇ.

     تارماقلارنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېكىتىدۇ. ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىلىرىدىن شۇ تارماقنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سىستېمىغا كىرىدىغانلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ؛ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرىدىن شۇ تارماقنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى سىستېمىغا كىرمەيدىغانلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە تەستىقلىتىلىدۇ.

     يەرلىكنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىدار تارماقلار ئايرىم – ئايرىم بېكىتىدۇ ياكى بىرلىكتە بېكىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ئۆز ئالدىغا بېكىتكەنلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەنلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە تەستىقلىتىلىدۇ؛ ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ئۆز ئالدىغا بېكىتكەنلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بېكىتكەنلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىنيۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بېكىتكەنلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا تەستىقلىتىلىدۇ.

   13 – ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنى تەستىقلىغۇچى ئورگان تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ زۆرۈرلۈكى، مۇمكىنلىكى ۋە ئىلمىيلىكىنى تەكشۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغانلىرىنى تەستىقلاپ، يازما قارار چىقىرىشى ھەمدە ئېلان قىلىشى؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغانلىرىدا تەستىقلىمىغانلىق يازما قارارى چىقىرىشى ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك.

     14 – ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈرىنىبېكىتىش بىلەن تەڭ شۇ تۈرنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى چىقىرىش ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 12 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر يوللا تەستىقلىتىش ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

     ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىدە تەكشۈرۈش مەقسىتى، تەكشۈرۈش مەزمۇنى، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى، تەكشۈرۈشنىڭ تەشكىلىي شەكلى، تەكشۈرۈش جەدۋىلىنىڭ فورمىسى، ستاتىستىكا ماتېرىيالىنىڭ مەلۇم قىلىنىشى ۋە ئېلان قىلىنىشى قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىش كېرەك.

     ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمى بويىچە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشتە ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىش ياكى ئەسلىي ئەنگە ئالغان ئورگانغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

     15 – ماددا ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋىلىگە جەدۋەل نومۇرى، جەدۋەل تۈزگۈچى ئورگان،تەستىق ھۆججىتى نومۇرى ياكى ئەنگە ئېلىش ھۆججىتى نومۇرى، كۈچكە ئىگە مۆھلىتى قاتارلىق بەلگىلەرنى قويۇشكېرەك.

     ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش جەدۋەللىرىدىن ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن بەلگە قويۇلمىغانلىرى ياكى كۈچكە ئىگە مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىرىنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى تولدۇرۇشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ئالاقىدارستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى توختىتىشنى قانۇن بويىچە بۇيرۇشى كېرەك.

     16 – ماددا ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى توپلاشتا ۋە رەتلەشتە دەۋرىيلىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى ئۇل، دائىملىق ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشنى گەۋدە قىلىپ، ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش قاتارلىقئۇسۇللارنى ھەر تەرەپلىمە قوللىنىش ھەمدە مەمۇرىي خاتىرە قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك.

     دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىگە دائىر چوڭ – چوڭ ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىگە گوۋۇيۈەن بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، بۇ خىزمەتنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ئىشلەيدۇ.

     17 – ماددا دۆلەت بىرلىككە كەلتۈرۈلگەنستاتىستىكا ئۆلچىمىنى چىقىرىپ، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتە قوللىنىدىغان كۆرسەتكۈچ مەزمۇنى، ھېسابلاش ئۇسۇلى، تۈر مۇندەرىجىسى، تەكشۈرۈش جەدۋىلى فورمىسى ۋە ستاتىستىكا كودى قاتارلىقلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

     دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا ئۆلچىمىنى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى چىقىرىدۇ ياكى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەسئۇل تارمىقى بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

     گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ستاتىستىكا ئۆلچىمىنى چىقارغانلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىگە تەستىقلاتسا بولىدۇ. تارماقلارنىڭ ستاتىستىكا ئۆلچىمىنىڭ دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا ئۆلچىمىگە توقۇنۇشۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

    18 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ستاتىستىكا ۋەزىپىسىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى كومپيۇتېر تورى ئارقىلىق يوللاشنى ستاتىستىكىلىقتەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى ئارىسىدا كېڭەيتسە بولىدۇ.

     19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلقھۆكۈمەتلىرى ستاتىستىكا خىزمىتىگە كېرەكلىك خىراجەتنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

     دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ۋە كۈچىگە دائىر چوڭ – چوڭ ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە كېرەكلىك خىراجەتنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرلىكتەئۈستىگە ئېلىپ، شۇ يىللىق مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىپ، نەقلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

3 – باب ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇشۋە ئېلان قىلىش

    20 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار، شۇنىڭدەك يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ستاتىستىكاماتېرىياللىرىنى ساقلاش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى، ستاتىستىكا ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

    21 – ماددا دۆلەت ئورگىنى، كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە باشقا تەشكىلات قاتارلىق ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە دەسلەپكى خاتىرە، ستاتىستىكا قونداق ھېساباتى تۇتۇشى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈش، قول قويۇش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش، ئارخىپلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

     ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا قول قويغۇچىلار ئۆزى تەكشۈرگەن، قول قويغان ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنىڭ راست، توغرا ۋە تولۇق چىقىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

     22 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ستاتىستىكىغا كېرەكلىك مەمۇرىي خاتىرە ماتېرىياللىرىنى ۋە خەلق ئىگىلىكى ھېساباتىغا كېرەكلىك كەسپىي مالىيە ماتېرىيالى، مالىيە ماتېرىيالى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا بېرىشى ھەمدەئۆزى تەشكىللەپ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ دەرىجىلىك خەلقھۆكۈمىتىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا يوللاپ بېرىشى كېرەك.

     ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ئالاقىدار ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك.

     23 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتى ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.

     دۆلەتنىڭ ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىدا دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ئاساس قىلىنىدۇ.

     24 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى شۇ تارماق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلان قىلىدۇ.

     25 – ماددا مەلۇم بىر ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرگىلى ياكى پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ماتېرىياللاردىن ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتە ئېرىشكەنلىرىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سىرتقا بېرىشىگە، ئاشكارىلاپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، ستاتىستىكىنى باشقا مەقسەتتە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

     26 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىدىن قانۇن بويىچە مەخپىيىتى ساقلىنىدىغانلىرىدىن باشقىلىرىنى جامائەتنىڭ سۈرۈشتۈرۈشى ئۈچۈن ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك.

4 – باب ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى

     27 – ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ستاتىستىكا خىزمىتىگە قانۇن بويىچە تەشكىلىي رەھبەرلىك قىلىدىغان ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدىغان دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسىنى قۇرىدۇ.

     دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ قۇرغان تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى دۆلەت ستاتىستىكا ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

     ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇستەقىل ستاتىستىكا ئاپپاراتى قۇرۇپ، يېزا – بازارلىقخەلق ھۆكۈمەتلىرى ستاتىستىكا ئىش ئورنىنى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ستاتىستىكا خادىملىرىنى قويۇپ، ستاتىستىكا خىزمىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ ۋە ئىشلەيدۇ، ستاتىستىكىلىق تەكشۈرىدۇ.

     28 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ستاتىستىكا ۋەزىپىسىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ستاتىستىكا ئاپپاراتى قۇرۇپ ياكى ئالاقىدار ئاپپاراتلاردا ستاتىستىكا خادىملىرىنى قويۇپ ھەمدە ستاتىستىكىغا مەسئۇل بولغۇچىلارنى بېكىتىپ، شۇ تارماقنىڭمەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى ستاتىستىكا خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تەشكىللەپ ۋە باشقۇرۇپ ستاتىستىكىلىق تەكشۈرىدۇ، ستاتىستىكا كەسپىدە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ستاتىستىكا ئاپپاراتىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ.

     29 – ماددا ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ستاتىستىكا خادىملىرى مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئەينەن توپلىشى ۋە يوللىشى كېرەك، ستاتىستىكا ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىشقا ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، ھەرقانداقئورۇن ۋە شەخستىن راست بولمىغان ستاتىستىكا ماتېرىيالى بېرىشنى ھەرقانداق شەكىل بىلەن تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگەخىلاپ باشقا قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

     ستاتىستىكا خادىملىرى راستچىل بولۇشى، كەسىپ ئەخلاقىغا قاتتىق رىئايە قىلىشى، ئۆزى ئىگە بولۇپ توپلىغان، تەكشۈرگەن، كىرگۈزگەن ستاتىستىكا ماتېرىياللىرى بىلەنستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى يوللىغان ستاتىستىكا ماتېرىيالىنىڭ بىردەك چىقىشىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

     30 – ماددا ستاتىستىكا خادىملىرى ستاتىستىكىلىقتەكشۈرۈشتە، ستاتىستىكىغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئالاقىدار كىشىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلاردىن ئالاقىدار ئەھۋال، ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشنى ھەمدە راست ۋە توغرا بولمىغان ماتېرىياللارنى تۈزىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

     ستاتىستىكا خادىملىرى ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈشتە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار بەرگەن خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ كۆرسەتمىسە ستاتىستىكىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى تەكشۈرۈشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

     31 – ماددا دۆلەت ستاتىستىكا كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپە سالاھىيىتى بويىچە ئىمتىھان ئېلىش، باھالاپ تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ستاتىستىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ستاتىستىكا قوشۇنىنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

     ستاتىستىكا خادىملىرى ئىشلەۋاتقان ستاتىستىكا خىزمىتىگە لايىق كەسپىي بىلىم ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلىشىكېرەك.

     ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ستاتىستىكا ئاپپاراتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ستاتىستىكا خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتە يېتىشتۈرۈش ۋە كەسىپ ئەخلاقى جەھەتتە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك.