جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:54:31

    (2009–يىل12–ئاينىڭ26–كۈنى مەملىكەتلىك11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ12–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    21 – نومۇرلۇق

    ‹‹ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى ›› 2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 –يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2009 – يىل 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    2 – باب جاۋابكارلىقنىڭ شەكىللىنىشى ۋە جاۋابكارلىقنىڭ شەكلى

    3 – باب جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ۋە جاۋابكارلىقى يېنىكلىتىلىدىغان ئەھۋاللار

    4 – باب جاۋابكارلىق سۇبيېكتى ھەققىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە

    5 – باب مەھسۇلات جاۋابكارلىقى

    6 – باب موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ قاتناش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى

    7 – باب داۋالاش زىيىنى جاۋابكارلىقى

    8 – باب مۇھىت بۇلغىنىش جاۋابكارلىقى

    9 – باب بەك خەتەر جاۋابكارلىقى

    10 – باب باققان ھايۋانات سالغان زىيان جاۋابكارلىقى

    11 – باب نەرسە زىيىنى جاۋابكارلىقى

    12 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    1 – ماددا بۇ قانۇن ھەق تەلەپ سۇبيېكىتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش، ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھوقۇققا چېقىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە بۇنداق ھەرىكەتچىلەرنى جازالاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيانيەتكۈزگەنلەر ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھەق تەلەپ ھوقۇق – مەنپەئەتىھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىسىم فامىلە ھوقۇقى، نام – شۆھرەت ھوقۇقى، پەخرىي نام ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى، نىكاھقا ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى، ۋەسىيلىك ھوقۇقى، ئىگىدارلىق ھوقۇقى، پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسە ھوقۇقى، ئەسەر ھوقۇقى، پاتېنت ھوقۇقى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، ئىختىرا ھوقۇقى، پاي ھوقۇقى، ۋارىسلىق ھوقۇقى قاتارلىق جىسمانىي ھوقۇق – مەنپەئەت ۋە مال – مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    3 – ماددا ھوقۇقى چېقىلىنغۇچى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى ھوقۇققا چېقىلغۇچىدىن تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

    4 – ماددا ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن ئوخشاش بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن مەمۇرىي جاۋابكارلىقنى ياكى جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنىمۇ قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئېلىۋېرىدۇ.

    ئوخشاش بىر ھەرىكىتى ئۈچۈن ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ۋە مەمۇرىي جاۋابكارلىق، جىنايىجاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدىغان ھوقۇققا چېقىلغۇچىلاردىن مال – مۈلكى تۆلەشكە چىقىش قىلمايدىغانلىرى ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئالدى بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ.