جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:54:31

    (2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

   جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    (14 – نومۇرلۇق)

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى›› 2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2009 – يىل 6 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

    مۇندەرىجە

     1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب مۇرەسسە قىلىش

    3 – باب كېسىم قىلىش

    1 – پاراگراف كېسىم كومىتېتى ۋە كېسىمچىلەر

    2 – پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش

    3 – پاراگراف كېسىم كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى

     4 – پاراگراف كېڭەش ئېچىش ۋە قارار چىقىرىش

    4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى ئادىل، ۋاقتىدا ھەل قىلىش،ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىيمۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرىنى مۇرەسسە ۋە كېسىم قىلىشتا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

     يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ماجىرالىرى:

    (1) يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاياغلاشتۇرۇشتا تۇغۇلغان ماجىرالار:

    (2) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشھوقۇقىنى باشقىلارغا ھۆددە بېرىش، ئىجارە بېرىش، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈش، پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق ئوبوروت ئىشلىرىدا تۇغۇلغان ماجىرالار؛

    (3) ھۆددە يەرنى يىغىۋېلىش، تەڭشەشتە تۇغۇلغان ماجىرالار؛

     (4) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە تۇغۇلغان ماجىرالار؛

    (5) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشتىن تۇغۇلغان ماجىرالار؛

    (6) يېزىلاردىكى يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشقا دائىر باشقا ماجىرالاردىن قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەنلىرى.

    كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى يەرنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تولۇقلىما بېرىشتە تۇغۇلغان ماجىرالار يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى كېسىم كومىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش ياكى دەۋالىشىش قاتارلىق يوللار بىلەن ھەل قىلىنسا بولىدۇ.