‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى››نىڭ تۈزىتىلمىسى (7)
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:54:31

    (2009 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    10 – نومۇرلۇق

    ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى> نىڭ تۈزىتىلمىسى›› 2009 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2009 – يىل 2 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

    1. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 151 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن بۇيۇم قاتارلىق دۆلەت ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغان مال، بۇيۇم ئەتكەسچىلىكى قىلغانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم شىتراپ قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە شىتراپ قويۇلىدۇ››.

    2. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 180 – ماددىسىنىڭ1–تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹ ئاكسىيە سودىسى، زاكاز مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى بىلىدىغانلار ياكى ئاكسىيە سودىسى، زاكاز مال سودىسىنىڭ ئىچكى ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز قولغا چۈشۈرۈۋالغانلاردىن ئاكسىيىنىڭ تارقىتىلىشىغا، ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلار ياكى ئاكسىيە، زاكاز مال سودا باھاسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئۇچۇرلار ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن، شۇ ئاكسىيىنى سېتىۋېلىپ ياكى سېتىۋېتىپ ۋە ياكى شۇ ئىچكى ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتلىك زاكاز مال سودىسى قىلىپ ياكى شۇ ئۇچۇرنى ئاشكارىلاپ قويۇپ ۋە ياكى باشقىلارغا يۇقىرىدا ئېيتىلغان سودىنى قىلىشقا كۆرسەتمە، بېشارەت بېرىپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغابەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە ياكى ئايرىم شىتراپ قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىرلىرىغا بەش يىلدىنيۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە شىتراپ قويۇلىدۇ.

    بىر تارماق قوشۇلۇپ، 4 – تارمىقى قىلىندى: ‹‹ئاكسىيە بىرژىسى، زاكاز مال بىرژىسى، ئاكسىيەشىركىتى، زاكاز مال ۋاسىتىچىلىك شىركىتى، فوند باشقۇرۇش شىركىتى، سودا بانكىسى، سۇغۇرتا شىركىتى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى كەسىپكارلىرى ۋە ئالاقىدار نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماق ياكى ساھە جەمئىيىتى خادىملىرىدىن ۋەزىپىسىدىكى قۇلايلىقتىنئېرىشىۋالغان ئىچكى ئۇچۇردىن ئاشكارىلانمىغان باشقا ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شۇ ئۇچۇرغا مۇناسىۋەتلىك ئاكسىيە، زاكاز مال سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى باشقىلارنىڭ ئالاقىدار سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۆرسەتمە، بېشارەت بېرىپ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 1 – تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ››.

    3. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 201 – ماددىسى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹باج تاپشۇرغۇچىلاردىن ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى، يوشۇرۇش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، تاپشۇرىدىغان بېجىنى ساختا مەلۇم قىلغان ياكى مەلۇم قىلمىغان، تاپشۇرۇشتىن قاچقان باج سوممىسى كۆپرەك بولغانلىرى ھەم تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنىڭ %10ىدىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە شىتراپ قويۇلىدۇ؛ سوممىسى بەك كۆپ بولغان ھەم تاپشۇرىدىغان باج سوممىسىنىڭ %30ىدىن يۇقىرى بولغانلىرىغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە شىتراپقويۇلىدۇ.