جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:58:30

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    12 – نومۇرلۇق

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى›› 2009 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى›› ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 10 –ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ

    2009 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

    (1986–يىل12–ئاينىڭ 2–كۈنى6–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18–يىغىنىدا ماقۇللاندى 2009–يىل 4–ئاينىڭ 24 –كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 8–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب پوچتا ئەسلىھەسى

    3 – باب پوچتا مۇلازىمىتى

    4 – باب پوچتا ھەققى

    5 – باب زىياننى تۆلەش

    6 – تېز يەتكۈزۈش كەسپى

    7 – نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

    8 – قانۇن جاۋابكارلىقى

    9 – قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پوچتا بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پوچتا ئالاقىسى ۋە ئۇچۇرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىنى قوغداش، خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى ساقلاش، ئابۇنىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، پوچتىچىلىقنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

     2  – ماددا دۆلەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

     پوچتا كارخانىسى پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمەت مەجبۇرىيىتىنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

     گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پوچتا كارخانىسىنىڭ ئومۇمىي مۇلازىمىتىنى قوللىشى كېرەك.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان پوچتا ئومۇمىي مۇلازىمىتى دۆلەتبەلگىلىگەن كەسىپ دائىرىسى، مۇلازىمەت ئۆلچىمى ۋە ھەق ئۆلچىمى بويىچە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى بارلىق ئابۇنىچىغا سىجىل قىلىدىغان پوچتا مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ.

     3 – ماددا پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىنى قانۇن قوغدايدۇ. دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئېھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىشئورگىنى خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن باشقا، ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيىتىگە ھەرقانداق باھانە – سەۋەب بىلەن چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.