جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:54:31

    (1997–يىل 7– ئاينىڭ 3– كۈنى 8– نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ26–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2007–يىل 8– ئاينىڭ 30–كۈنى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    17–نومۇرلۇق

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى›› 2007–يىل 8– ئاينىڭ 30–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىكخەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 29–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى. 2008–يىل 1– ئاينىڭ 1– كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ

    2007–يىل 8– ئاينىڭ 30–كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2– باب ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    3– باب ھايۋانات يۇقۇمىنى مەلۇم قىلىش، خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش

    4– باب ھايۋانات يۇقۇمىنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش

    5– باب ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىش

    6– باب ھايۋانات داۋالاش

    7– باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    8– باب كاپالەت تەدبىرى

    9– باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    10– باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1– باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1– ماددا بۇ قانۇن ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى پائالىيىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھايۋانات يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە يوقىتىش، باقمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىسمانىي ساغلاملىق، جامائەت ساغلاملىقىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2– ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پائالىيىتىدە تەتبىقلىنىدۇ.

    چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان ھايۋانات ۋە ھايۋاناتمەھسۇلاتلىرىنى كارانتىن قىلىشتا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان ھايۋانات ئۆسۈملۈك كارانتىن قانۇنى›› تەتبىقلىنىدۇ.

    3– ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات ئۆي ھايۋانلىرى، ئۆي قۇشلىرىنى ۋە قولدا بېقىلغان، قانۇنلۇق تۇتۇلغان باشقا ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى ھايۋاناتنىڭ گۆشى، تېرىسى، يۇڭى، تىۋىتى، ئىچكى ئەزاسى، يېغى، قېنى، ئىسپېرمىسى، تۇخۇمى، تۆرەلمىسى، ئۇستىخىنى، تۇيىقى، بېشى، مۈڭگۈزى، سىڭىرى شۇنىڭدەك ھايۋانات يۇقىمى تارقىتىش ئېھتىمالى بولغان سۈت، تۇخۇم قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.