جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:54:31

    (1986 – يىل 12 – ئاينىڭ 2 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2007 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىكمەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31 – يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    83 – نومۇرلۇق

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2007 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى

    خۇجىنتاۋ

    2007 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››

    (2007 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ماقۇللاندى) 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى›› غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    14 – ماددىنىڭ 2 – تارمىقى: ‹‹چېگرىدىن كىرگۈزۈلىدىغان، چىقىرىلىدىغان جەسەت، سۆڭەكنى توشۇتقۇچى ياكىئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن ئورگىنىغا ئىلتىماس قىلىشى شەرت، سەھىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، كىرگۈزۈش ياكى چىقىرىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ›› دەپ تۈزىتىلدى.

    بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت چېگرىسى سەھىيە كارانتىن قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىپ قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب كارانتىن قىلىش

    3 – باب يۇقۇملۇق كېسەلنى كۆزىتىش

    4 – باب سەھىيە نازارەتچىلىكى

    5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    6 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ