جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 17:54:31

    (1990 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    3 – نومۇرلۇق

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى›› 2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى››ئېلان قىلىندى، 2008 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2008 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

    3 – باب تەربىيىلەش

    4 – باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

    5 – باب مەدەنىيەت تۇرمۇشى

    6 – باب ئىجتىمائىي كاپالەت

    7 – باب توسالغۇسىز مۇھىت

    8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن مېيىپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق –مەنپەئىتىنى قوغداش، مېيىپلەر ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، مېيىپلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا باراۋەر، تولۇق قاتنىشىشى، ئىجتىمائىي، ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

    2 – ماددا مېيىپلەر پسىخىك، فىزىئولوگىيە، تەن قۇرۇلما جەھەتتە مەلۇم توقۇلمىسى ۋە ئىقتىدارى يوقالغان ياكى نورمالسىز بولغان، مەلۇم ئىشنى نورمال قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقاتقان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    مېيىپلەر كۆزى، قۇلىقى، تىلى، پۇت – قولى، ئەقلى، روھىي، كۆپ يېرى مەجرۇھ كىشىلەر ۋە باشقا يېرى مەجرۇھ كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    مېيىپلىك ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

    3 – ماددا مېيىپلەر سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا پۇقرالار بىلەن باراۋەر ھوقۇققا ئىگە.

    مېيىپلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە ئىنسانىي ئىززىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.