جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:57:16

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    4 – نومۇرلۇق

    ( 2008–يىل8–ئاينىڭ29–كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى›› 2008 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، ئىمكانىيەتلىكسىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئايلانما ئىقتىساد ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ۋە ئىستېمال جەريانلىرىدامىقدارنى كېمەيتىش، قايتا پايدىلىنىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مىقدار كېمەيتىش ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت ۋە ئىستېمال جەريانلىرىدا بايلىق سەرپىياتى ۋە كېرەكسىز نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىشنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان قايتا پايدىلىنىش كېرەكسىز نەرسىنىمەھسۇلات قاتارىدا بىۋاسىتە ئىشلىتىشنى ياكى رېمونت قىلغان، يېڭىلىغان، قايتا ياسىغاندىن كېيىن مەھسۇلاتقاتارىدا داۋاملىق ئىشلىتىش ياكى كېرەكسىز نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى باشقا مەھسۇلاتنىڭ زاپچىسى قىلىپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان بايلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەكسىز نەرسىدىنخام ئەشيا قاتارىدا بىۋاسىتە پايدىلىنىش ياكى كېرەكسىز نەرسىدىن ھاسىلىي پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش دۆلەت ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور ئىستراتېگىيە بولۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، بازار يېتەكلەش، كارخانا يولغا قويۇش، جامائەت قاتنىشىش فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

    4 – ماددا ئايلانما ئىقتىسادنى تېخنىكىسى ئەسقاتىدىغان، ئەرزان، مۇۋاپىق بولۇش ۋە بايلىق تېجەشكە، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق بولۇش شەرتى بىلەن، مىقداركېمەيتىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش پرىنسىپى بويىچە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

    كېرەكسىز نەرسىدىن قايتا پايدىلىنىش ۋە ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش جەريانىدا، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە قايتا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

    5 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى مەملىكەتنىڭ ئايلانما ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ئايلانما ئىقتىسادنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئايلانما ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرغۇچى تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئايلانما ئىقتىسادنىراۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ئايلانما ئىقتىسادنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ.