جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش – تارتىشى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:57:16

    (2007 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    80 – نومۇرلۇق

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك تالاش – تارتىشى مۇرەسسە – كېسىم قانۇنى›› 2007 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2007 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب مۇرەسسە قىلىش

    3 – باب كېسىم قىلىش

    1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    2 – پاراگراف ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش

    3 – پاراگراف كېڭەشمە ئېچىش ۋە قارار چىقىرىش

    4 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ئەمگەك تالاش – تارتىشىنى ئادىل، ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەكچىلەر ئوتتۇرىسىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكى ئەمگەك تالاش – تارتىشىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ:

    (1) ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە كۆرۈلگەن تالاش – تارتىش؛

    (2) ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشتا كۆرۈلگەن تالاش –تارتىش؛

    (3) رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، بوشىتىش ۋە ئىستېپا بېرىش، خىزمەتتىن ئايرىلىشتا كۆرۈلگەن تالاش – تارتىش؛

    (4) ئىش ۋاقتى، ئارام – ئوتپۇسكا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، پاراۋانلىق، تەربىيىلەش شۇنىڭدەك ئەمگەك مۇھاپىزىتىدە كۆرۈلگەن تالاش – تارتىش؛

    (5) ئەمگەك ھەققى، ئىشتا يارىلىنىش داۋالىنىش پۇلى، ئىقتىسادىي تولۇقلىما ياكى تۆلەم پۇلى قاتارلىقلاردا كۆرۈلگەن تالاش – تارتىش؛

    (6) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەمگەك تالاش – تارتىشلىرى.

    3 – ماددا ئەمگەك تالاش – تارتىشىنى ھەل قىلىشتا پاكىتنى ئاساس قىلىش، قانۇنلۇق، ئادىل، ۋاقتىدا بولۇش، مۇرەسسە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

    4 – ماددا ئەمگەك تالاش – تارتىشى يۈز بەرگەندە، ئەمگەكچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن كېڭەشسەبولىدۇ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى 3 – تەرەپنى تەكلىپ قىلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئورتاق كېڭىشىپ، كېلىشىۋېلىش كېلىشىمى ھاسىل قىلسىمۇ بولىدۇ.