جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:57:16

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    7 – نومۇرلۇق

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش قانۇنى›› 2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىمەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىشقانۇنى›› ھازىر ئېلان قىلىندى؛ 2009 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2008 – يىل 12 – ئاينىڭ 27 – كۈنى

    (1997–يىل 12–ئاينىڭ 29–كۈنى 8–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–يىغىنىدا ماقۇللانغان ، 2008–يىل 12–ئاينىڭ 27–كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6–يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش يىرىك پىلانى

    3 – باب يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش– ئالدىن مەلۇمات بېرىش

    4 – باب يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    5 – باب يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش

    6 – باب يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش

    7 – باب نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

    8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال– مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشمەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى باشقا دېڭىز تەۋەسىدە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش– ئالدىن مەلۇمات بېرىش، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يەر تەۋرەشتە جىددىي قۇتقۇزۇش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق يەر تەرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش ئىشلىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتنى يېنىكلىتىش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، مۇداپىئەلىنىش بىلەن قۇتقۇزۇشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.