جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    (2008 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    5 – نومۇرلۇق

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى قانۇنى›› 2008 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2009 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2008 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلغۇچى ئاپپارات

    3 – باب دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانا

    4 – باب دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىنى باشقۇرغۇچىلارنى تاللاش ۋە باھالاش

    5 – باب دۆلەت مۈلكى چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ ئىشلار

    1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    2 – پاراگراف كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش

    3 – پاراگراف ئالاقىدار تەرەپ بىلەن سودىلىشىش

    4 – پاراگراف مۈلۈك باھالاش

    5 – پاراگراف دۆلەت مۈلكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش

    6 – باب دۆلەت كاپىتالىنىڭ تىجارەت خام چوتى

    7 – باب دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش

    8 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    9 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قوغداش، دۆلەت ئىقتىسادىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت مۈلكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى يېتەكچى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكى (تۆۋەندە دۆلەت مۈلكى دېيىلىدۇ) دۆلەت كارخانىلارغا ھەر خىل شەكىلدە چىقارغان مۈلۈكتىن شەكىللەنگەن ھوقۇق– مەنپەئىتىنى كۆرسىتىدۇ.

    3 – ماددا دۆلەت مۈلكى دۆلەت ئىگىدارلىقىدا يەنىئومۇمىي خەلق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. دۆلەت مۈلكىگە ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقىنى گوۋۇيۈەن دۆلەتكە ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدۇ.

    4 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە دۆلەتكە ۋاكالىتەن دۆلەت مۈلۈك چىقارغان كارخانىلاردا مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، مۈلۈك چىقارغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئىگە بولىدۇ.