جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    (1998 – يىل 4 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇللانغان

    2008 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    6 – نومۇرلۇق

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوت مۇداپىئە قانۇنى›› 2008 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2009 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2008 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    2 – باب ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    3 – باب ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى

    4 – باب ئوت ئۆچۈرۈش – قۇتقۇزۇش

    5 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

    6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئوت ئاپىتى خەۋپىنى ئازايتىش، جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، جىسمانىي بىخەتەرلىك ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا ئوت مۇداپىئە خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، پۇقرالار ئاكتىپ قاتنىشىش پرىنسىپى بويىچە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى جاۋابكارلىق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، ئىجتىمائىيلاشقان ئوت مۇداپىئە خىزمەت تورى بەرپا قىلىنىدۇۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

    3 – ماددا گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئوت مۇداپىئە خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.