جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    45 – نومۇرلۇق

    ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى>›› 2011 – يىل 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2011 – يىل 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى

    (2011 – يىل 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

    44 – ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹كۆمۈركان كارخانىسى ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىشسۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك، كارخانىنىڭ قۇدۇق ئاستى مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى كۈتۈلمىگەن زەخىم سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ››.

    بۇ قارار 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى›› بۇ قارارغا ئاساسەن تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

    (1996 – يىل 8 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 –يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹قىسمەن قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلگەن،

    2011 – يىل 4 – ئاينىڭ 22 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 –يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە كۆمۈركان قۇرۇلۇشى

    3 – باب كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆمۈركان بىخەتەرلىكى

    4 – باب كۆمۈر تىجارىتى

    5 – باب كۆمۈركان رايونىنى قوغداش

    6 – باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

    7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ