جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

(1996 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 25 – يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭئادۋوكاتلار قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن تۈزىتىلگەن، 2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

(76 – نومۇرلۇق)

   ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى›› 2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 30 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادۋوكاتلار قانۇنى›› ئېلان قىلىندى، 2008 – يىل 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2007 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

2 – باب ئادۋوكاتلىق قىلىش ئىجازىتى

3 – باب ئادۋوكاتخانا

4 – باب ئادۋوكاتلارنىڭ كەسپى، ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى

5 – باب ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى

6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن ئادۋوكاتلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادۋوكاتلىق ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئادۋوكاتلارنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 –ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئادۋوكاتلار قانۇن بويىچە ئادۋوكاتلىق گۇۋاھنامىسى ئالغان، ھاۋالە ياكى بېكىتىش بىلەن، دەۋالاشقۇچىلارغا قانۇن مۇلازىمىتى قىلىدىغان كەسىپكارلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئادۋوكاتلار دەۋالاشقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى، قانۇننىڭ توغرا يولغا قويۇلۇشىنى قوغدىشى، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى قوغدىشى كېرەك.