جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    ( 2009 – يىل 10 – ئاينىڭ31 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11– يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

      (19 – نومۇرلۇق)

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى قانۇنى›› 2009 – يىل 10 – ئاينىڭ 31 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2009  –  يىل 10 –  ئاينىڭ 31 – كۈنى

     مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب مەسئۇلىيەت، شەرت، مەجبۇرىيەت ۋە ھوقۇق

    3 – باب ۋەزىپە ۋە ئۇنۋان دەرىجىسى

    4 – باب باشلىق

    5 – باب ئەۋەتىش، چاقىرتىپ كېلىش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش

    6 – باب باھالاش، تەربىيەلەش ۋە ئالماشتۇرۇش

    7 – باب مۇكاپاتلاش

     8 – باب مائاش ۋە پاراۋانلىق

    9 – باب جورىسى ۋە پەرزەنتلىرى

    10 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

     1 – ماددا بۇ قانۇن چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ساپالىق دىپلوماتىيە خادىملىرى قوشۇنىنى بەرپا قىلىش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇنبويىچە ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيەخادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنىكاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە مەمۇرلار قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

     2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىملىرى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىدا دىپلوماتىيە خىزمىتى، كونسۇل خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنىقىلىدىغان، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مەمۇرىي ئىشىتاتتا بولىدىغان، دىپلومات ئۇنۋان دەرىجىسى بولغان خادىملارنى كۆرسىتىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ئاپپاراتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى، كونسۇلخانىلىرى شۇنىڭدەكبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ھۆكۈمەتلەر ئارا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا دائىم تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى قاتارلىق ۋەكىل ئاپپاراتلارنى كۆرسىتىدۇ.