جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    (2011–يىل6–ئاينىڭ30–كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ21–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    49 – نومۇرلۇق

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى›› 2011 – يىل 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 21 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ،ھازىر ئېلان قىلىندى، 2012 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

      جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2011 – يىل 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب مەمۇرىي مەجبۇرلاشنىڭ تۈرى ۋە بېكىتىلىشى

    3 – باب مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرىنى يولغا قويۇش تەرتىپى

    1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    2 – پاراگراف پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش

    3 – پاراگراف توڭلىتىش

    4 – باب مەمۇرىي ئورگاننىڭ مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇش تەرتىپى

    1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    2 – پاراگراف پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىش

    3 – پاراگراف ۋاكالىتەن ئادا قىلىش

    5 – باب خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش

    6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن مەمۇرىي مەجبۇرلاشنى بېكىتىشۋە يولغا قويۇش، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش، جامائەت مەنپەئەتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداش، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇقھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان مەمۇرىي مەجبۇرلاش مەمۇرىي مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش ۋە مەمۇرىي مەجبۇرىي ئىجرا قىلدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.