جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    (1990 – يىل 2 – ئاينىڭ 23 – كۈنى 7 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 12 – يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1990 – يىل 2 – ئاينىڭ 23 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 25 – نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنغان، 2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹قىسمەن قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا قارار››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب ھەربىي چەكلەنمە رايون، ھەربىي باشقۇرما رايوننى بەلگىلەش

    3 – باب ھەربىي چەكلەنمە رايوننى قوغداش

    4 – باب ھەربىي باشقۇرما رايوننى قوغداش

    5 – باب ھەربىي چەكلەنمە رايون ۋە ھەربىي باشقۇرما رايون قىلىپ بېكىتىلمىگەن جايدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش

    6 – باب باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى

    7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

       1 – ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ۋە ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ نورمال ئۆتكۈزۈلۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ھەربىي ئەسلىھە دۆلەت ھەربىي ئىشلارغا بىۋاسىتە ئىشلىتىدىغانتۆۋەندىكى ئىمارەت، مەيدان ۋە ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

    (1) قوماندانلىق ئورگىنى، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى قوماندانلىق قۇرۇلۇشى، جەڭ قۇرۇلۇشى؛

    (2) ھەربىي ئىشلىتىدىغان ئايرودۇرۇم، پورت، پىرىستان؛

    (3) گازارما، مەشىق مەيدانى، تەجرىبە مەيدانى؛

    (4) ھەربىي تەشمە ئامبار، ئامبار؛

    (5) ھەربىي ئالاقە، رازۋېدكا، يول باشلاش، كۆزىتىش ئىستانسا – پونكىتلىرى ۋە ئۆلچەش، يول باشلاش، يول كۆرسىتىش بەلگىلىرى؛

    (6) ھەربىي ئىشلىتىدىغان تاشيول، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى، ئالاقە، توك لىنىيەسى نېفىت، سۇتۇرۇبىسى؛

    (7) گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەلگىلىگەن باشقا ھەربىي ئەسلىھەلەر.

    3 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلار دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.

    جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش ئىشتابى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ھەربىي رايون قوماندانلىق ئورگىنى ئۆز تەۋەسىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

    ھەربىي ئەسلىھە بار جايدىكى ئالاقىدار ھەربىي ئورگان ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قوغداش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇشى، نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.