جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    (2010 – يىل 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

     جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    30 – نومۇرلۇق

     ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش قانۇنى›› 2010 – يىل 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، 2010 – يىل 10 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2010 – يىل 6 – ئاينىڭ 25 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

     2 – باب تۇرۇبا يىرىك پىلانى ۋە قۇرۇلۇشى

     3 – باب تۇرۇبىنى ئىشلىتىش جەريانىدا قوغداش

    4 – باب تۇرۇبا قۇرۇلۇشى بىلەن باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىش مۇناسىۋىتىنى بىرتەرەپ قىلىش

    5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنى قوغداش، نېفىت، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە نېفىت، تەبىئىي گاز يەتكۈزىدىغان تۇرۇبىنى قوغداشقا تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇن شەھەر، بازار يېقىلغۇ گاز تۇرۇبىسى ۋە نېفىت ئايرىش كارخانىسى، خىمىيە سانائىتى كارخانىسى قاتارلىق كارخانا رايونىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىقوغداشقا تەتبىقلانمايدۇ.

    3 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نېفىت خام نېفىت ۋە ماينى كۆرسىتىدۇ، تەبىئىي گاز تەبىئىي گاز، كۆمۈر قاتلىمى گازى ۋە كۆمۈر گازىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تۇرۇبا تۇرۇبا ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

     4 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئېنېرگىيە مەسئۇل تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ھەمدەيولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تۇرۇبا تەرەققىيات يىرىك پىلانى بىلەن باشقا مەخسۇس يىرىك پىلاننى جىپسىلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرىدۇ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ئۆتىدىغان تۇرۇبىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى تۇرۇبا قوغداشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن،مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.