جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاش قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    (36 – نومۇرلۇق)

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاش قانۇنى›› 2010 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2011 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2010 – يىل 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

    مۇندەرىجە

    1 – باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    2 – باب ھەق تەلەپ سۇبيېكتى

    3 – باب نىكاھ – ئائىلە

    4 – باب ۋارىسلىق

    5 – باب نەرسە ھوقۇقى

    6 – باب ھەقدارلىق

    7 – باب بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى

    8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئادەتتىكى بەلگىلىمە

    1 – ماددا بۇ قانۇن چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى ئايدىڭلاشتۇرۇش، چەتئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ تالاش – تارتىشلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان قانۇن مۇشۇ قانۇن بويىچە بېكىتىلىدۇ. باشقا قانۇنلاردا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىر باشقائالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    مۇشۇ قانۇن ۋە باشقا قانۇنلاردا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە قانۇننى تەتبىقلاشقا دائىربەلگىلىمە بولمىسا، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىگە ھەممىدىن بەك ئالاقىسى بولغان قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا ئالاقىدارلار قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە تەتبىقلىنىدىغان قانۇننى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويسا بولىدۇ.

    4 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىدا چەت ئەلگە چېتىشلىق ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بولسا، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك شۇ بەلگىلىمە بىۋاسىتە تەتبىقلىنىدۇ.