جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەرسە ھوقۇقى قانۇنى
مۇھەررىر:  قەلبىنۇر     مەنبەسى:  تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى    يوللانغان ۋاقىت:  2012-04-19 13:45:57

    ( 2007-يىل 3-ئاينىڭ 16-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    1-قىسىم ئومۇمىي پرىنسىپ

    1-باب ئاساسىي پرىنسىپ

    1-ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ساقلاش، نەرسىنىڭ تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، نەرسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ھوقۇقدارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدەئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

    2-ماددا نەرسىنىڭ تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتىن كېلىپ چىققان ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتىدە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نەرسە كۆچمەس مۈلۈك ۋە كۆچمە مۈلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قانۇندا ھوقۇق نەرسە ھوقۇقىنىڭ ئوبيېكتى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان نەرسە ھوقۇقى ھوقۇقدارنىڭمۇئەييەن نەرسىنى قانۇن بويىچە بىۋاسىتە ئىلكىدە تۇتۇش ۋە يەكلەش ھوقۇقىنى، جۈملىدىن ئىگىدارلىق ھوقۇقى،پايدىلانما نەرسە ھوقۇقى، كېپىل نەرسە ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

    3-ماددا دۆلەت سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى ئورتاق راۋاجلاندۇرىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ.

     دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتەبولمىغان ئىگىلىك تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، قوللايدۇ ۋەيېتەكلەيدۇ.

     دۆلەت سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى يولغا قويىدۇ، بارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ باراۋەر قانۇنىي ئورنى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

    4-ماددا دۆلەت، كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى ۋە باشقا ھوقۇقدارلارنىڭ نەرسە ھوقۇقىنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    5-ماددا نەرسە ھوقۇقىنىڭ تۈرى ۋە مەزمۇنى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

    6-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىشتا، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىتىش كېرەك. كۆچمە مۈلۈك نەرسەھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇش لازىم.

    7-ماددا نەرسە ھوقۇقىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنى يۈرگۈزۈشتە، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىش كېرەك، جامائەت مەنپەئىتىگە ۋە باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.

    8-ماددا نەرسە ھوقۇقى ھەققىدە باشقا ئالاقىدار قانۇنلاردا ئالاھىدە بەلگىلىمە بولسا، شۇ بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

    2-باب نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش

    1-پاراگراف كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىش

    9-ماددا كۆچمەس مۈلۈك نەرسە ھوقۇقىنى بېكىتىش، ئۆزگەرتىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە يوقىتىش قانۇن بويىچە تىزىملىتىلسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ تىزىملىتىلمىسا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، لېكىن، قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    قانۇن بويىچە دۆلەت ئىگىدارلىقىدا بولىدىغان تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى تىزىملىتىلمىسىمۇ بولىدۇ.

    10-ماددا كۆچمەس مۈلۈكنى شۇ مۈلۈك بار جايدىكى تىزىملىغۇچى ئاپپارات تىزىملايدۇ. 

     دۆلەت كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. بىر تۇتاش تىزىملاش دائىرىسى، تىزىملىغۇچى ئاپپارات ۋە تىزىملاش چارىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلىنىدۇ.